يوقاپ كەتسەك نەچچە كۈن ،
ما قىزلارنىڭ گىپى چوڭ،
سىغىنغانمۇ ئوخشايدۇ،
مىشىلدايدۇ ،گىپى توڭ.
يىڭى يىلدا قايتىدىن ،
ئۆز –ئۆزۈمنى تۈزلىدىم.
ئۇۋغا چىقتىم ئۇۋلاشقا
تۇمارىسنى كۆزلىدىم.
قىزلار بىلەن جەڭ قىلىش،
يىگىتلەرگە ماس ئەمەس.
يىگىتلەرنى سۆكۈشمۇ
تۇمارسقا ماس ئەمەس.
كۆڭۈل دېگەن ئاجايىپ،
كەلمەيدۇ مىڭ تىللاغا.
شىرىن سۆزلەر نە كېرەك،
تۇمارىستەك سەۋداغا.
سەرخىل گۈللەر كۆپ ئىمىش،
مىسرانىمنىڭ بېغىدا.
ماڭا كىرەك ئۇ غۇنچە،
يۇرتىمىزنىڭ تېغىدا.
ئالدىمايمەن تۇمارىس،
سىزگە دىلدىن ئاشىقمەن،
دېسەم چاقچاق ئارىلاش،
دىدىڭ بولاي مەشۇقمەن
تۇمارسمۇ زىرىكىپ،
بىزگە قوشاق قېتىپتۇ،
دىيەلمىگەن گەپلەرنى
قوشاق بىلەن ئېيتىپتۇ.
(چاقچاق ھە)
مۇھاببەتنىڭ سەۋدالىقى تۇمارىسنى قاغشىتىپتۇ،
دېيەلمىگەچ چىن سۆزىنى مىسرانىمدا دەرت تۆكۈپتۇ.
سادا بولماي دەرتلىرىگە يىگىتلەردىن ھىچبىر نەپەس
بىزدەك ئېسىل يىگىتكەرنى قوشاق قېتىپ تەڭ سۆكۈپتۇ.
ئەي تۇمارىس ،يىگىتلەرنى ئىشى نۇرغۇن ،
يۈرەگىدە ئارمانى كۆپ شۇڭا سۇلغۇن.
شۇ يىگىتلەر مىسالىدۇر چۆللەردىكى،
سۇغا تەشنا لېكىن مەغرۇر توغراق،يۇلغۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا othor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-9 03:39 PM