ئەسسالامۇئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئولۇغ ئاللانىڭ سالىمى يەتسۇن ، مەن ئىلگىرى مىسرانىم ۋە باغداش مۇنبەرلىرىدە << بىر ئانىنىڭ ئىلتىجاسى >> ناملىق يازمام ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىللىك كىسەللىك ئازابىنى تارتقان ھەم تارتىۋاتقان ، مۇھتاجلىق ۋە كىسەللىك ئازابىدا قىلدەك تولغىنىۋاتقان بىر ياش ئانىنىڭ ئىلتىجاسىنى تورداشلارغا يەتكۈزگەن ئىدىم ، بۇ جەرياندا دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاق كۆڭۈل ، ساخاۋەتلىك كىشلىرىمىز ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىپ بۇ ئانىغا ئاز-تۇلا ياردەم قىپتۇ ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئانا ئۆزىگە ياردەم قىلغان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمىتىنى يەتكۈزۈپ قۇيۇشنى ھاۋالە قىلدى ، شۇ ئاجىزەگە ياردەم قۇلىنى سۇنغان بارلىق قېرىنداشلارغا ئولۇغ ئاللانىڭ رەھمىتى بولسۇن ، ئىش-ئوقەتلىرى بەرىكەتلىك ، ئائىلىسى بەختلىك بولسۇن ! نۆۋەتتە بۇ ئانىغا جەمىيئەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن ئەۋەتىلگەن ياردەم 1000(مىڭ يۈەن)گە يىقىن بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن بىر قېرىندىشىمىز 700(يەتتە يۈز يۈەن )ئەۋەتىپتۇ ، بۇ پۇللار بىۋاستە شۇ ئاجىزەنىڭ بانكا ھىساباتىغا كىرىپتۇ ۋە قان تازىلاش ۋە خىمىيىلىك داۋلاش ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىپتۇ ، قان تازىلاش ۋە خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ داۋالاش چىقىمى كۆپ ۋە قەرەللىك داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاجىزەنىڭ داۋالىنىشى يەنىلا تۇختاپ قىلۋىتىپتۇ ، شۇڭا بۇ قېتىم يەنە بىر قېتىم تورداشلارنى بۇ ئاجىزەگە ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىپ قۇيۇشىنى مەقسەت قىلىپ ، بۇ تېمىنى تەڭرىتاغ تورىغا ئەۋەتتىم ، ياردەم قىلىشنى خالىغۇچىلار تۈۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق تەپسلى ئەھۋالنى كۆرسەڭلار بۇلىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-96074-1-1.html، ئولۇغ ئاللا ھەممىزگە رەھمەت قىلسۇن !
بۇ ئاجىزە ئۈچۈن ياردەم قىلايلى ، ئاللا يۇلىدا دۇئا قىلىپ قۇيايلى !
ئالاقىلىشىىش تېلىفۇن نۇمۇرى : 4252944-0999