قەبرە يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 06:18 PM
راس گەپىنى قىلسام ھازىر مىسرانىمىنىڭ ئەزا سانى خۇددى ج ...
پىكىرىڭىزنى قوللايمەن. مۇنبەردە تەستىقلىنىۋاتقان تېمىلار يېڭىدىن تېما يوللىغۇچىلارغا نىسپەتەن بىر قېتىملىق دەرس، باشقىلار مۇنبەدرىكى تېمىنىڭ مەزمۇنى ۋە سۈپىتىگە قاراپ :«ھە، تېما دېگەن مۇشۇنداق بولىدىكەن» دېگەن قاراشقا كېلىپ قالىدۇ. ئىنكاسلارنى ئېلىپ ئېيتساق مەن بىرنەچچە ئەزانى بايقىدىم، خۇددى ھەر بىر تېمىغا ئىنكاس يېزىش شەرتتەك ھېچقانداق ۋەزنى يوق، تېمىنى ئالغا سۈرۈشتە ياكى مۇنازىرە قوزغاشتا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق پاخپاق گەپلەرنى يېزىپ توشقۇزۇۋېتىدىكەن. بىرقىسىم ناچار تېمىلارغا پىكىر بېرىپ بولغۇچە ”سەن خەقنى كۆرەلمىدىڭ، خەقنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمىدىڭ، غەيۋەتخور...» دەپ شوئار توۋلايدىغان قاپاق كاللا لاۋزىلار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىشقىلىپ ھازىر بۇ مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ كۆپلۈكى ۋە تېما قەھەتچىلىكى، ئىنكاسلارنىڭ كۆپلىكى ۋە ئىنكاس قەھەتچىلىكى باشقۇرغۇچىلار جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. ئەمدى ما ئىنكاسمۇ خۇداغا ئامانەت.