satkiz يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 07:15 PM
بىز قىلالمىغان سىز دىگەن شۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى سىز ...
سىڭلىم ، تىلىكىڭىزگە رەھمەت ! مەنلا قىلغانغا ئۆزگىرەيدىغان بولسا ئىدى ، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن تىتىلىپ كىتىشكىمۇ رازى ئىدىم ! بۇنىڭغا ھەممىمىز كۆڭۈل بۇلىشىمىز كىرەك .
مەن بۇنى سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىز دەۋالغىنىم يوق ، مەن جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئوبلاستتا بېرىپ باقمىغان مەكتەپكە بېرىپ ، كۈرۈپ باقمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۈتۈپ باقمىغان ئەدەبىيات دەرسى ئۈتۈپ ، تۇنۇمايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھالىشىدا تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتىدا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچى . شۇ چاغدا باھالىغۇچىلار بىلەن يېرىم سائەت مۇنازىرە قىلىپ ، ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائى رولى توغرىلىق بىرلىككە كەلگەن ئىدۇق ، سىزمۇ بىلىۋېلىڭ يازما يازغاندا جەمىئەتكە مەسئۇل بۇلۇشقا پايدىسى بار : « ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى ئادىمىيلىكنى ئۆگىتىشتۇر !»
ھەممىمىز ھەممە يەردە ھەممە ئىشتا بارلىق ئامال بىلەن ئۇيغۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى ! باشقا گىپىم يوق !