faruk063 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 05:02 PM
قەبرە مۇشۇنداق قاتۇرىۋېلىش ئىشى- زە!............
مەنمۇ شۇنى دېمەكچى،
تۈركىيەنىڭ كىنولىرىنى كۆردۈرڭلار، كىنودا چىققان قەبرىلەرنىڭ قانداق ياسالغانلىقىنى كۆردۈڭلار، ئەتىراپى سىمونىت بىلەن قاتۇرۇلسىمۇ، ئۈستى توپا ھالەتتە ئوچۇق قالدۇرۇلۇپ، گۈل- گىياھلار تىكىپ قويۇلىدۇ.
قەبرە ئۈستىگە گۈل-گىياھ تىكىپ قويۇشنىڭ ئەھمىيتى توغرىسىدا ھەدسلەرمۇ بار.
قېرىنداشلارنىڭ دېققەت قىلىپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايىتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەبرىسىنى بۇنداق ھەممە يېرىنى سىمونىت بىلەن قاتۇرۇپ چىرايلىق ياسىدۇق دەپ يۈرۈشمەيلى، ئۆزىمىزغۇ ئاتا- ئانىمىزنىڭ قەبرىسىنى پەيزى ياسىۋەتتۇق دەپ پەخىرلىنەمىز، بىراق شۇ ياسىغان قەبرىلەرنى ئاتا- ئانىمىز كۆرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ روھىنىڭ ئەمىنلىكىنىمۇ ئويلاپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ ھەممىمىزگە مەغفىرەت ئاتا قىلسۇن.