مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: koxmak101

تۇنجى قېتىم ھۆسنخەت ئەسەرلىرىمنى ھوزورۇڭلارغا سۇندۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 02:35:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muttelib يوللىغان ۋاقتى  2013-1-11 01:13 PM
بۈگۈنكىسى ھەممىسى ئۇيغۇرچىكەنغۇ، قىينىلىپ بولسىمۇ ئ ...

       بۇ ئەسەر 2012-يىلى ئىستانبۇل كاتخانا بىلىدىيىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ ئىسلام خەتتاتلىق سەۋەيىسىگە يىقىن ئەسەر.

قىرانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 02:45:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلىنىپ چىققان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ خەتتاتلىقى دۇنيادىكى خەتتاتلىق سەنئىتى ساھەسىدىكى ئۆزگىچە بىر تۈر سۈپىتىدە،ئەرەب،پارس،تۈركىي،ئوردۇ،ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت  خەزىنىسىدىكى مۇھىم سەنئەت تۈرلىرىنىڭ بىر بۇلۇپ ھېسابلىنىپ قەدىرلىنىپ كەلمەكتە.بىزگە مەلوم بولغىنىدەك،تۈركىي تىللىق خەلقلەر،جۈملىدىن تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ خەتتاتلىقى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.گەرچە تۈركلەرنىڭ ئەرەب يېزىقى بىلەن ئۇچرىشىشى مىلادىيە 8~9 -ئەسىرلەردىكى ئىش بولسىمۇ،شۇنداقلا مىلادىيە 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن ئىتىبارەن تۈركلەر ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى تۈرك يېزىقىدىن ۋاز كېچىپ لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى تۈرك يېزىقىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان بولسىمۇ ،ئەمما تۈركلەرنىڭ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئىسلام خەتتاتلىقىغا قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن زوردۇر.

قىرانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 03:09:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ دەلىللىرى شۇكى ، بىرىنچىدىن،ئوسمان ئىمپىرىيەسى قۇرۇلغان 14-ئەسىردىن تارتىپ تاكى بۇ ئىمپىرىيە يىمىرىلگەن20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركلەر ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى خەتتاتلىق ساھەسىدە دىۋانى،جەللى دىۋانى،رۇقئە،مۇسەلسەل،سىياقەت ھەم تۇغرا قاتارلىق مۇھىم خەت نۇسخىلىرىنى ئىجاد قىلدى ھەم ۋايىغا يەتكۈزدى.ئىككىنچىدىن،مىلادىيە 16-ئەسىردىن تارتىپ تاكى 20-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا شەيىخ ھەمدۇللا ئەماسى(مىلادىيە 1520-يىلى ۋاپات بولغان ) ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئەھمەد قارا ھېسارىي(مىلادىيە 1555-يىلى ۋاپات بولغان) ھافىز ئوسمان.(مىلادىيە 1698-يىلى ۋاپات بولغان.) مۇھەممەد رىزا كىتابدار ۋە ھەسەن جەلىلى ( ھەسەن چەلەبى) مەزكۇر خەت نۇسخلىرىدا ئىسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان مەشھۇر خەتتاتلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن،ئوسمان ئىمپىرىيىسىدە ئىلگىرىكى ۋە زامانداش ھېچبىر پادىشاھلىق ۋە ئىمپىرىيىلەرگە ئوخشىمىغان ھالدا،ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ پادىشاھلىرى خەتتاتلىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلۈپ،ئىمپىرىيە پايتەختى ئىستانبولدا مەخسۇس خەتتاتلىق ھە كىتابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ ئورگان تەسىس قىلىپ،ئىسلام خەتتاتلىق ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا مىسلىسىز ھەسسە قوشتى. خوددى ئىسلام دۇنياسىدا مەشھۇر ‹‹مەدىنىدە نازىل بولدى،مىسىردا ئوقۇلدى،ئىستانبۇلدا يىزىلدى›› دېگگن نەقىلدە دېيىلگىنىدەك،ئىستانبۇلدا قۇرئان ۋە باشقا دىنىي كىتابلار كىتابەتچىلىك ۋە خەتتاتلىق بۇيىچە مەخسۇس ئورگان-- دىۋانى ھۇماين قارىمىقىدىكى نەققاشخانىدا كۆپلەپ كۆچۈرۈلدى.مۇشۇ ئورگاندىكى مەخسۇس كىتابەتچىلىك ۋە خەتتاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن خەتتاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە،ئىستانبۇل پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى خەتتاتلىق مائارىپىنىڭ مەركىزى بولۇشتەك شان-شەرەپكە نائىل بولدى.بۇنداق ئەھۋال تاكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىغىچە داۋاملاشتى. ھەتتا ھازىرمۇ تۈركىيە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى خەتتاتلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاساسىي جاي بولۇپ تۇرماقتا.

قىرانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 03:21:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       جۈمىلىدىن ئۇيغۇر خەتتاتلىرىنىڭمۇ خەلقئارا ئىسلام خەتتاتلىق سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسىنىمۇ تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ.سۆزىمىزنىڭ دەلىلى شۇكى،پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىسى بولغان مەككىدىكى كەئبىنىڭ يوپۇقى ئۈستىدىكى خەتلەرنى قاغىلىق ناھىيىسىدىن چىققان دۇنياغا مەشھۇر خەتتات--ئابدۇرېھىم ئەمىن ئەپەندى يازغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kirani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 03:46 PM  


قىرانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 03:26:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھازىرقى ۋاقىتنى دىسەكمۇ،مارالبىشى ناھىيىسىدىن چىققان داڭلىق خەتتات خەيرۇللا ئەزىزۇللا ئەپەندىم سەئۇدىيدىكى ئۇستاز خەتتاتلارنىڭ بىرى.
     دىمەككىم، يىقىنقى قىسقا بىرنەچچە ئون يلى ئىچىدە بىر نەچچە قىتىم يېزىق ئۆزگەرتكەن بىزدەك مىللەتكە نېسبەتەن بۇ ناھايىتى چوڭ بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.

قىرانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 03:41:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بىزنىڭ خەتتاتلىقىمىز تارىختىن بۇيان شانلىق سەھىپىلەرنى ياراتقان .مىڭ ئەپسۇسكى،19-ئەسىرلەردىن 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىگىچە سوزۇلغان جاھالەت ۋە زور كۆلەملىك كىتاب كۆيدۈرۈش مالامەتلىرى ، تەكرار يېزىق ئۆزگەرتىش ،‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› قاتارلىق بىرقىسىم ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن خەتتاتلىق سەنئىتىمىز مىسلىسىز چىكىنىشكە يۈز تۇتتى.
     20-ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن كىيىن  ئابدۇلھەق ئوشۇرى،نىياز كېرىم شەرقى قاتارلىق تۆھپىكار خەتتاتلىرىمىز، يېزىق تاتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ پىداكارلىق كۆرسىتىشى كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە يېزىق ۋە خەتتاتلىقىمىز قايتا تىرىلگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇزاق داۋاملاشقان مەدەنىيەت رىيازەتلىرىنىڭ قۇرىماس ئاسارەتلىرى تۈپەيلىدىن ، خەتتاتلىقىمىز خەلقئارا ئىسلام خەتتاتلىق سەنئىتى سەۋىيىسىدىن تەدرىجىي يىراقلاپ،تار دائىرىدىكى مەھەللىۋىي سەۋىيىدە توختاپ قىلىشتىن يىراق بولالمىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kirani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 03:42 PM  


قىرانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9654
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 338 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 05:52:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يېزىلغان خەتلەركەن!

سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87375
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 732
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 09:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muttelib يوللىغان ۋاقتى  2013-1-11 01:13 PM
بۈگۈنكىسى ھەممىسى ئۇيغۇرچىكەنغۇ، قىينىلىپ بولسىمۇ ئ ...

بۇ چاقچاقمۇ ياكى بىلمىگەنلىكتىنمۇ مەنمۇ بىلەلمىدىم . بىراق شۇ ئەمەلىيەتكى بۇ خەتلەرنى  يازغان قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ مەقبۇل قىلغان بولسا مۇسۇلماندۇر . بۇت ياكى  باشقا بىر نېمىلەرنىڭ يېزىلىشى مۇمكىن ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8354
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2541 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 09:21:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hunbag يوللىغان ۋاقتى  2013-1-12 09:12 PM
بۇ چاقچاقمۇ ياكى بىلمىگەنلىكتىنمۇ مەنمۇ بىلەلمىدىم .  ...

بىر قارىشىمغىلا شۇنداق كۆرۆنگەنتى مۇنداقلا چاقچاق قىلىپ دەپ قويغان گەپ ، مەنمۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76361
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3516
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 12:07:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشماق ئەپەندى ھازىرقى خەتتاتلىرىمىز ئارىسىدا ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ كېلىۋاتقان  خەتتاتلىرىمىزدىن بىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ تەگئاتى بولمىش -قوشماق نامى بىلەن خەتتاتلىقتىكى قوشماق(تۈۋئەم) نۇسخىسىدا داۋاملىق تۈردە ئىنزدىنىپ بىر تۇركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىدى. قوشماق ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى -يېڭېلىققا باي،مەزمونى ناھايىتى ياخشى تاللانغان، قەلەم ماھارىتى ئۇستىىلق بىلەن نامايەن قىلىنغان ئېسىل ئەسەرلەردۇر.
مەن ئاكا ئاغىنىمىز قوشماق ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك ۋە بەخىت،ئىجادىيتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش