نۇرنىسا يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 03:21 PM
ھەسرىتا.........
مەن نىم بولدۇم؟ كۆزلىرىمدىكى ياش ئىكەنغ ...
ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن.
قۇرئاندا سىز دېگەن ئەينى گەپ يوققۇ دەيمەن.
شۇنىڭغا يېقىن ئايەتلەر:
سىلەر تېخى ئىلگىركىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن)لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە، ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «اﷲ نىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر.
سۈرە بەقەرە 214- ئايەت.
ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغىچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، (اﷲ نىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
سۈرە ئال ئىمران 92- ئايەت.