hekmat110 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 07:48 PM
ئۇنداق دەپ كەتمەڭ ،ۋاپادارلىق قىز ئوغۇل دەپ ئايرىلما ...
دىگىنىڭىزغۇ توغرا، بىراق نەگىلا قارىسا شۇ ئاياللار ئۇنداق بۇلىشى كىرەك، مۇنداق بۇلىشى كىرەك دىگەندەك گەپلەر شۇ، توي قىلغان ئاياللار ئېرىنىڭ خىزمىتىنى، قېناپا-قېناتىلىرىنىڭ خىزمىتىنى، باللىرىنىڭ خىزمىتىنى يەنە ماۋۇ تېمىدا دىيىلگىنىدەك قېناچا-قېينى سىڭىللىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، يەنە ھەممە ئىشتا ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى كىرەك دەپ ئولتۇرسا ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىقىنى كۆرسىتىش ئەمەس، يوقلاپ كىلىشمۇ تەسكە توختىمامدۇ، ئايال بولغۇچىلار بۇنچە ئېغىر يۈكنى قانداق كۆتۈرەلىسۇن، يا ئۆزىنى بىر نەچچىگە بۆلۈشنىڭ ئامالى بولمىسا.....
ئوغۇل پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىغا قارىمىسا بۇ ۋاپاسىزلىقتىن بۇلىدۇ، قىز پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىغا قارىيالمىسا بۇ ئامالسىزلىقتىن بۇلىدۇ، چۈنكى توي قىلىپ خەقنىڭ ئادىمى بوپكەتكەندىكىن ياخشى ئايال، ياخشى كېلىن، ھەم، ۋاپادار پەرزەنت بۇلۇشتەك مەجبۇرىيەتلەرگە يىتىشىپ بۇلالمايدۇ، شۇڭا يا ئۇنىڭدىن يا بۇنىڭدىن كىچىش كىرەك شۇ، ياخشى پەرزەنت بۇلۇش ئۈچۈن ئېرى بىلەن قارشلىشىش كىرەك ئوخشايدۇ....
ئىلگىرى بىر خوشنىمىز بۇلىدىغان، ئېرى ھۆكۈمەت خادىمى، ئايالى بولسا ئائىلە ئايالى، شۇ سەۋەپتىنمىكىن ئېرى ئايالىنى پەقەت كۆزگە ئىلمايتى، ھەمىشە قوپال گەپ-سۆز،غورورىغا تىگىدىغان سەت گەپلەر بىلەن تىللايتى، سىلكىشلەيتى، تولا ۋاقىتلاردا ھاراق ئىچىپ ئۆيگىمۇ قايتمايدىكەنتۇق. ئايالى كۆكتات ئالىدىغان پۇل ئۈچۈنمۇ ئېرىگە بىچارە بۇلۇپ..... دىسەم گەپ جېق
ئاپىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئارلىقى 3-4 كويلۇق يول تۇرۇپمۇ ئايدا بىرە قېتىم ئېرى ماقۇل دىسە ئاران بارالايدىكەن شۇ، ئۇ ئايالنىڭ بىرلا ئىنىسى بۇلۇپ ئاپىسى شۇنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىكەن، ئاپىسى نىمىگە ئېھتىياجلىق، كۆڭلى نىمە تارتىدۇ ئوغلىغا قانداق دىيەلىسۇن، بويۇن قىسىپ ئۆتىدىغان گەپكەن شۇ، قىزى بولسا ئېرىنىڭ ئۆيىدە، تاماق ئىتىپ كىر يۇيۇپ،قوساق تويغانغا خوش بۇلۇپ ئۆتىدىغان تۇرسا، ئۆزىنىڭ كىرىم مەنبەسى بولمىسا قانداقمۇ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزەلىسۇن. ئىرىم، ئۈيۈم، بالام دىمىگەن بولسا بەش ئەزايى ساق بولغاندىكىن ئىشسىز قالماستى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولمىغانغا ھىچكىم ئىشسىزقېلىپ ئاچ قالغان ئەمەس.
بەزىدە ئاپىسى ئۇ ئايالنى ياتلىق قىلماي زىمىنلاپ سېتىۋەتكەن بولغىيمىتى دەپ قالىمەن. قىز پەرزەنت چوڭ قىلغانلار نىمانچە بىچارە دەپ ئويلاپ تالاي قېتىم ئىچىم ئاچچىق بولغان.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akyupurmak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-14 09:16 PM