Suchi يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 01:16 PM
تېما ئىگىسىگە:چاغاتاي تىلى ئەمەس چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، ...
ئۇيغۇرلار «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دىدى، ئۆزبەكلەر «ئەسكى ئۆزبەك تىلى» دىدى، ئافغانىستان ئۆزبەكلىرى «ئافغانىستان ئۆزبەك تىلى» دىدى، باشقا چەتئەل ئالىملىرى «چاغاتاي تىلى» دىدى، قەدىمكى يازمىلاردا «تۈركى تىل» دەپ ئېلىپتۇ. ئۇنداقتا سىز ماڭا مۇشۇ تىلنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئاتىلىشىنى دەپ بېرەلەمسىز؟
بۇ يەردىكى مەسىلە، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دېگەن ئاتالغۇنى ئۆزبەكلەر ئېتراپ قىلمايدۇ، «ئەسكى ئۆزبەك تىلى» دېگەننى سىز ئېتىراپ قىلمايسىز. ئوخشاش بىر تىلنى ئىككى- ئۈچ، ھەتتا تۆت خىل ئاتاش ئىلغارلىقمۇ؟