|
|
|
|
سىزنىڭ خوتىنىڭىزمۇ چىرايلىق
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
مەن بىر كۈنى كوچا ئاپتۇبۇسىدا كىتىۋىتىپ يىنىمدا تۇرغان بىر نەچچە يىزا ياشلىرنىڭ شەھەرنىڭ ئاياللىرى نىمانچە چىرايلىق،يۈزلىرى شۇنداق پارقىراق ئادەمنىڭ قارىغانسىرى قارىغۇسى كىلىدىكەن، بىزنىڭ خوتۇنلىرىمىز قاچان قارىسا پەلپەتۈش،ئاغىرىقچان،ھەم قىرى چىراي كۆرنىدۇ،كىيىم-كىچەكنىمۇ ياراشتۇرۇپ كىيىشنى بىلمىگەن،خوتۇن دىگەننى شەھەردىن ئالمىغان ئادەمنىڭ جىنى يوق،شۇنىڭغىمۇ شەھەرگە كىرگەن ئادەمنىڭ چىققۇسى كەلمەيدۇ......دىگەن گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى.مەن بۇ ياشلارغا سىلەرنىڭ خوتۇنىڭلار تۇغۇلىشىدىلا ئاشۇنداق كۆرۈمسىز تۇغۇلغان بولغىيمىتى،سىلەر بىلەن توي قىلماستا ئاشۇنداق ئاغىرىقچان قىرى چىراي قىزلارمىدى؟ياق. ئۇلار خۇددى شەھەرنىڭ قىزلىرىدەك شۇنداق گۈزەل بىجىرىم قىزلار ئىدىغۇ،بۇلارنى ئاشۇنداق كۆرۈمسىز كىسەل كۆرپىسى،قىرى چىراي قىلىپ قويغىنى دەل سىلەرنىڭ جاپالىق ئىتىز-ئىرىق ئىشلىرىڭلار تۇتۇن يانىدىغان ئوچاقلىرىڭلار،ئىس-تۈتەككە تولغان ئۆيلىرىڭلار ئەمەسمۇ دىگەنلەرنى دىگۇم كەلدى.
يەنە ئۇلارغا سىلەر خوتونۇڭلارغا باشقا ئاياللارغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنۈپ باقتىڭلارمۇ؟باشقا ئاياللارغا قارىغان مىھىرى-مۇھەببەتلىك كۆزلىرىڭلار بىلەن قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ دىگەنلەرنى دىگۇم كەلدى.بەكمۇ ئەپسۇس بۇلار ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا شەھەرگە سىڭىپ كەتتى.بۇ ياشلارنىڭ سۆزلىرى مىنى بىر قىسىم يىزا ياشلىرىنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئىسىمگە سالدى.بۇ بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئىقتىسىادنىڭ تەرەققى قىلىشى،يىزالارنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىىشى ئىلىپ كەلگەن ئەبزەل پۇرسەتتىن توغرا پايدىلانماي،قەدىمىنى خاتا بىسىپ،شەھەرنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ۋە ئىلغار مەدىنىيتىنى قۇبۇل قىلماي،ئەكسىچە ناچار موھىتقا ئۆزىنى قارغۇلارچە ئىتىش نەتىجىسىدە،بىر ئوبدان كىلىشىپ قالغان خوتۇنلىرىنى ياراتماي،توي قىلىپ بىرەر بالىسى بولا بولمايلا ئاجىرىشىپ كىتىدىغان،بالا يىتىم قىلىش ئاجىرىشىش دىگەنلەرنى ئويۇن ئورنىدا كۆرىدىغان ناچار قىلمىشلىرى بارغانسىرى ئەۋىج ئالماقتا،يەنە بىر قىسىم ياشلار خوتۇننى تۈگۈمەس ئۆي ئىشلىرى ۋە ئىتىز-ئىرىق ئىشلىرىغا بەنت قىلىپ قويۇپ ئۆزلىرى بولسا شەھەرگە كىرىۋىلىپ ھەرخىل ئويۇن تاماششا ناچار كۆڭۈل ئىچىشلار بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ،خوتۇنى مىڭ بىر جاپا مۇشەققەتلەر بىلەن تاپقان پۇللىرىنى باشقا ئاياللارغا خەجلەيدىغان ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن خوتۇننى ئۇرىدىغان،ئاغىرىپ قالسا داۋالاتماي تاشلاپ قويىدىغان خورلاش قىلمىشلىرنى سادىر قىلىپ بىگۇناھ باللىرىنى يىتىم قىلىپ ئاتىسىز قالدۇرماقتا.
بۇ خىل كىشلەر تەرىپىدىن ئاجىرشىش سەۋەپلىك تاشلىۋىتىلگەن بىر قىسىم بىچارە ئاياللار نىمە قىلارنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرمۇشتا ئىغىر قىيىنچىلىق تارتىپ يامان يولغا كىرىپ قالماقتا،يەنە بۇلار تەرىپىدىن يىتىم بالىغا ئايلانغان بالىلار باش پاناھسىز ھەم تەربىيچىسىز قىلىپ،تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلىپ سەرگەردان بالىلار توپىغا قوشۇلۇپ جىنايەت گىرداۋاىغا بىرىپ قالماقتا،يەنە بىر قىسىم يىزا ياشلىرى بولسا خۇددىنى بىلمەي ئەخلاق ۋىجىدان ۋە غورۇرنى يوقۇتۇپ جەمىئەتتىكى ئەڭ ناچار پەسكەش قىلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزلىرىگە ئەيدىس كىسىلىنى يۇقتىرۋىلىپ ھەم بىگۇناھ پاك ئاياللىرىغىمۇ يۇقتۇرۇپ بۇ بىچارە جاپاكەش ئاياللارنى ئەيدىسنىڭ چاڭگىلىدا نابۇت قىلماقتا.مەن بۇ خىل ياشلارغا ئۆز ھاياتىڭلارنى بەخىتلىك ئائىلەڭلەرنى قەدىرلەڭلار،چۈنكى سىلەرنىڭ خوتۇنىڭلارمۇ چىرايلىق،گەپ قانداق كۆز بىلەن قاراشتا قانداق كىيىم-كىچەك كىيىشتە،سىلەر ئەمدى قانداق قىلماقچى؟ ئاشۇ جاپاكەش خوتۇنىڭلارنىڭ سەمىمى پاك مۇھەببىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ سىلەرگە بولغان ساداقىتىگە قانداق جاۋاپ بىرشىنى ئويلاۋاتىسلەر دىگەنلەرنى قايتا-قايتا دىگۈم كەلدى.
ئاپتور: قاغلىق ناھىيە شاتلىق دوختۇرخانسىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-13 04:13 PM
|
|
|
|
|
|