bilgejan يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 05:35 PM
بۇنىڭ نەدىمۇ سىز دىگەندەك مەنىسى بولسۇن. ئۇنىڭ ئىنكاس ...
ھاھا... بىلگەجان مىنىڭچە ئىنكاس يازمىغان بىلەن يەنە نۇرغۇنلار بۇ تىمىدىن مەنپەت ئالدى. بۇ بىر قىسىم بەغەرەزلەر بىلەن كارىڭىز بولمىسۇ. بۇ بۇ يەردە مۇلاھىزە قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس. ئاللا بىزگە ئىككى كىتاب بەرگەن ۋە ئۇنى ئوقۇش ئۈچۈن ئەقىلنى بەرگەن. بۇ كىتابنىڭ بىر قۇرئان بولسا يەنە بىرى كائىنات كىتابىدۇر. شۇڭا ئىمىي تەتقىقات جەھەتتە ئامرىكا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن. نۇرغۇن مۇسۇلمان تەتقىقاتچىلار بۇ يەردە تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋىلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭمۇ بۇ ئىلغار تەتقىقاتلارنڭ ساھىبى بولىش ھوقۇقى بار. مەن كۆپلەپ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ سىپىمىزگە قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دىگىنىڭىز راست نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز تىرىشىۋاتىدۇ، لىكىن قانداق مىڭىشنى بىلەي گاڭەىراپ قالماقتا.
شۇڭا مەن قىرىنداشلىرىمىزدىن ئۆزى بىلگەن مەيلى ئامرىكا توغرىلىق بولسۇن ياكى سەئۇدى توغرىلىق بولسۇ ۋە ياكى باشقا دولەتلەر توغرىلق بولسۇن ئۇچۇرلارنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىردا سىزنىڭ توختاپ قالماي يەنە داۋاملىق يىڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە پۇرسەت بولسا ئامرىكىىغا كىلىپ ئوقۇغاندىن كىيىنكى قىيىنچىلىقلار ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىنىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەڭ كىچىك مىسال، مەنمۇ بىشىدا كەلگەندە بۇلارنىڭ پۇل بىرلىكلىرىنى بىلمەي، پىركازچىىكقا پۇلۇمنىڭ ھەمىنى تۇتقۇزۇپ قوياتتىم. ئۇلار لازىملىقىنى تۇتۇۋىلىپ ماڭا ئوشۇقىنى قايتۇراتتى. ئاخرى بىر پىركازچىك ماڭا بۇلارنى ئۈگۈتۈپ قويغاندىن كىيىن پۇل خەجلەشنى ئۈگەنگەن.
مۇشنىڭدەك قىزىققانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللاڭ. بىرقىسىم يۇلىنى بىلەنلا تەپەككۇر قىلىدىغان مىڭىسىنى ئىشلەتمىگەن نادانلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.
ئاللا ھەربىرىمىزنى بىز توغرا دىگەن يولغا ئەمەس، ئۆزى توغرا دىگەن يولغا باشلىسۇن.