saghlam يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 09:31 AM
ئۆرلىتىش مۇسبىلىككە،تۆۋەنلىتىش مەنپىلىككە تەۋە دەپ چ ...
سىزنىڭ كىشىلەرنى بۆرەك تەقدىم قىلىشتىكى ئاددى ساۋاتلاردىن خەۋەردار قىلماقچى بولغىنىڭىز چۈشىنىشلىك. لىكىن بۇ تىمىدىكى مىسال بىر كونكىرىتنى يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ، مەن تىلغا ئالغاندەك، بۆرەك قوبۇل قىلغۇچى سىز دىگەندەك ناچار ئىللەتلەردىن يىراق، ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرى ئۈچۈن جان بىرەلەيدىغان بىر ئېسىل كىشى ئىدى، دەل شۇنداق بولغاچقا، سىڭلىسى ھىچ ئىككىلەنمەي شۇ قارارغا كەلگەن.
سىز دىگەندەك نامەلۇم بىر جۇڭيى تىبابىتى كىتابىدىكى ئوڭ ۋە سول بۆرەكنى ئوخشىمايدۇ دەيدىغان قاراش مەيلى جۇڭگودا بولسۇن مەيلى دۇنيادا بولسۇن فىزىئولوگلار ۋە دوختۇرلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن كۆز قاراش ئەمەس. شۇ سىز ئوقۇغان كىتاپتا شۇنداق دىيلىگەنلىكى ئۈچۈنلا سىزنىڭ سۇئال قويۇپ باقمايلا بۇ خىل قاراشنى قوبۇل قىلىشىڭىز تازا ئىلمىيلىك ئەمەس، دەپ قارايمەن. سىز بىر ئىلمىي نۇقتىنەزەرگە ئىشىنىمەن دىسڭىز نىمە ئۈچۈنلىكىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بىرەلىشىڭىز كىرەك، بولمىسا ئۇ سىزنىڭلا گىپىڭىز بوپقالىدۇ، خالاس.
مەن مەيلى ئۇيغۇر تىبابىتىمىز بولسۇن مەيلى جۇڭيى تىبابىتى بولسۇن، بىر ئىلمىي ئاساسى بار بولسا ئاندىن ئشىنىمەن. بەلكىم سىز ئېيتقاندەك بەزى نەزەرىيەلەر تېخى ئسپاتلانمىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇنداق ئەھۋالدا مەن ئۇ نەزەرىيەگە ھىچ بولمىغاندا بىر ئاز گۇمان بىلەن قارايمەن. بۇ خىلدىكى نەزەرىيەلەر ھەقىقەتەنمۇ بىز بىئو-مىدىتسىنا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ توغرا يەكۈنلەرنى چىقىرىشىمىزغا مۇھتاج.
بۆرەكتەك مۇھىم ئەزانىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئاناتومىيە ۋە فىزىئولوگيە ئالىملىرى تەرىپىدىن ئنچىكە جايلىرىغىچە تەتقىق قىلىنىپ بولۇنغان، ئەگەر شۇنداق ئىش بولغان بولسا ئوڭ ۋە سول بۆرەكنىڭ ئوخشىمايدىغان يەرلىرى بۇ كەمگىچە تەتقىق قىلىنغان بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەلىرى دەل غەرىب تىبابىتى نەزەرىيەلىرى بويىچە ئىلىپ بىرىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئوڭ ۋە سول بۆرەكنىڭ ئوخشىمايدىغانلىغىنى بىلمەي تۇرۇپلا كىسەل داۋالىغىلى تۇرسا بۇ ۋاققىچە بۇرغۇن چاتاقلار چىققان بولاتتى. گەپنىڭ قىسقىسى، ىسز ئەگەر بۆرەككە ئائىت بىلىمىڭىز بىلەن مىنى ئوڭ ۋە سول بۆرەك ئوخشاش دىگەن كۆز قارىشمىدا خاتالىق بارلىقىغا ئىشەندۈرەلىسىڭىز، مەن سىزنىڭكىنى توغرا دەيمەن، بولمىسا ھازىر سىز دىگەن گەپكە ئىشەنمەيمەن. مەن ئالىي مەكتەپتىن باشلاپ ھازىرغىچە بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقىلى 12 يىل بوپتۇ، ئەگەر ھازىرغىچە بۆرەكنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغىنىنى بىلمەي ئۆتۈپ كەتكەن بولسام، ئۆزەمنى بىر نانقىپى ھىساپلايمەن. قېىنى، بىلىملىرىڭىز بىلەن مىنى بىر ھەيران قالدۇرۇڭ.
مەن سىزنى بىر ئىلىم ئىگىسى دەپ بىلىپ بىر ئىلمىي مۇنازىرىگە تەكلىپ ئەتتىم، باشقا نىيىتىم يوق، مۇشۇنداق قىلىساق بىر-بىرىمىزدىن ئۆگىنىپ تەڭ ئىلگىرلىيەلەيمىز دەپ ئويلايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-24 02:44 PM