DILKASH يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 01:16 AM
بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە: بۇ دەريانىڭ سۇ مەنبەسى دەريانىڭ ي ...
بۇ قاراشقا مەنمۇ قوشۇلىمەن ، بوۋىلىرىمىز شۇنداق دەيدىغان .
تۈمەن دەريا
قەشقىرىمنىڭ ئانا دەرياسى،
چىن ئۆتمۈشنىڭ شاھىد-گۇۋاھسى .
ئۆتمۈشلەردە ئاققان دولقۇنلۇق ،
ئەتراپى كەڭ ، تامام يۇلغۇنلۇق .
بۇغرا ئاتام كۆچۈرگەن شۇڭا
قەشقىرىمنى تۈمەن بويىغا .
سىيىت نوچى ،نۇزۇگۇملاردەك ،
جەسۇرلارنى قوشقان قاتارغا،
خاقانىيە گۈلتاجى بولغان
مەرىپەتنىڭ مەشئىلى بولغان ،
ئەللامىلەر يېتىشكەن بۇندا .
ئەركەك سۇ دەپ ئاتالغان شۇڭا ،
توسالمىغاچ تۈمەنمىڭ لاتقا .
ئاۋام-خەلقى جەسۇر-مەردانە ،
بوي بەرمىگەچ ياۋلارغا-ياتقا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shiwirghan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-14 01:28 PM