يىـڭى ئــەزا
ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن ئامانگۈل تۇنىياز ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن، ئەللەر سېنى مەڭگۈ يۆلەيدۇ. قەلب تۆرىدىن چىن ئورۇن بېرىپ، ئالتۇن بۆشۈككە مەڭگۈ بۈلەيدۇ. ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن، شۇ ئەمەلنى ئەل ساڭا بەرگەن. خەلقىڭ بولماي ئەمەلدار نەدە؟ شۇ ئەل ساڭا مەدەتلەر بەرگەن. ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن، خەلقىڭ سەندىن ئۈمىدلەر كۈتكەن. ئەل-خەلقنىڭ پەخرى سەن، بىلسەڭ، ئاقىل بولۇپ سەن بۇنى چۈشەن. ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن، ئەللەر سېنى زىنھار ئۇنتۇماس. مېۋە بەرسەڭ ئەل-ۋەتەن ئارا، نام-شەرىپىڭ مەڭگۈ قۇرۇماس. ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن، خەلقىڭ بۇلار ساڭا مەدەتكار. باي-زەبۇن دەپ ئايرىمىساڭ گەر، ئاتىلىسەن پاك بىر ئەمەلدار. دىلخانەڭدە بولسۇن شۇ خەلقىڭ، كۆڭلۈڭ بولسۇن كەڭرى ئالەمدەك. پاك ئەمەلدار بولساڭ سەن ئەگەر، راست-يالغاننى ئايرىغىن كۈندەك. قۇرۇق ئاتاق، ساختا شۆھرەتكە، بولما مەستان، قىلمىغىن تەمە. ئەمەلدارلىق-بىر شەرەپلىك بۇرچ، خەلقىڭ سېنى قوللايدۇ يەنە. كۆرەر خەلقىڭ قىلغان ئىشىڭنى، تارازىغا سالىدۇ سېنى. باشلىق بولۇپ قىلدىڭ نېمە ئىش؟ خەلقىم ھامان ئايرىيدۇ بۇنى. ئەلپەرۋار بول ئەمەلدار بولساڭ، ئەلنى سۆيگىن ۋاپادار بولساڭ. قىلىپ تۇرغىن ئەلگە ياخشىلىق، چىن دىلىڭدىن مەرد ئوغلان بولساڭ. باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن: ئامانگۈل تۇنىياز
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!
پائالىيەتچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ