ئەلرام
سېنى ئىزدەپ بارسام ناۋادا
لەۋلىرىڭدە قېپقالغان تاتۇق
بۇ كۆڭۈلدىن ئاشۇرۇپ زىنھار،
بىرەلمەيمەن ساڭا بىر تارتۇق.
نېمە ئۈچۈن دېسەڭ ناۋادا،
چۈنكى،كۆڭلۈم ھەممىدىن ئارتۇق.
«ئىشەنمەيمەن» دېسەڭ ناۋادا،
گۇمان بىلەن بىز نېمە تاپتۇق؟
يۈرەك ساڭا تەلپۈنەر،گۇۋاھ-
لەۋلىرىڭدە قېپقالغان تاتۇق.
شۇڭا رەنجىپ يۈرمىگىن ئەركەم،
نەمدەلمىسۇن يېشىمدىن ياستۇق.
سۆز قىلغانلار ماڭماس بىز بىلەن،
بىلسەڭ كۆڭۈل ھەممىدىن ئارتۇق.
غېرىپ بولدۇم غېرىپتەكلا مەن
بىر ناتىۋان قۇشنىڭ ھالىتى،
سىڭدى ئاستا،سىڭدۈردىغۇ تەن.
ئازاپ قىيناپ يىمەكتە مېنى،
غېرىپ بولدۇم،غېرىپتەكلا مەن.
لېكىن،يەنە ئەركەكمەن ئەركەك،
غېرىپلىقىم بولسىمۇ ئايان.
بۇ ھالەتتە يۈرسەممۇ مەيلى،
كۈلگەن غۇرۇر بولسىلا ئامان...
سېنى ئىزدەپ بارسام ناۋادا
سېنى ئىزدەپ بارسام ناۋادا ،
چىقارسەنمۇ ئالدىمغا مېنىڭ.
ياكى بىلمەي نېمە قىلىشنى،
گۈلدەك تىترەپ تۇرارمۇ تېنىڭ.
ئەگەر ئوتنىڭ ئىچىدە بولساڭ،
ئىنتىلەمسەن باغرىمغا شۇئان.
بۇ يۈرەككە بىرىپ بىر ئارام،
دەمسەن يەنە؛سەن بارمۇ ئامان؟
ياق،بىلىسەن مېنىڭ كۆڭلۈمنى،
بۇ مۇھەببەت ئەزەلدىن شۇنداق.
ئۇنتۇلدۇرماس چۈنكى،يۈرەكلەر-
ئىككى تەندە بولسىمۇ،قۇشماق.
ئېھتىمال سەن ئازاپنى ئۇنتۇپ،
چېچەكلەيسەن قايتىدىن چۇقۇم.
يېپىشىدۇ بەخىتمۇ ماڭا،
ئۇنتۇلىدۇ ياش دېگەن ئۇقۇم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-14 10:31 PM