تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈچۈن ساقىيە چۈش تەبىر تورىدىن يۆتكەپ كىلىندى!
كىملىكى يوق ئويغۇر زىيالى
ئاپتۇرى: چىندىىل
بىشىدا يوق ئويغۇر دوپپىسى،
يا ئىڭەكتە ئەركەكلىك ئىزى.
ئوغلى كەيمەس كانىۋاي كۆينەك،
قىزى كەيمەس ئۇيغۇر ئەتلىسى.
نىيۇزەيكۇغا ئاشىق پىدايى،
سۆلىتى يوق ئويغۇر زىيالى.
ئۇيغۇر ئۆرپى ئاڭا خۇراپات،
ئىتقادى،دىينى تىخى يات.
قۇرئان بىلمەس ئىيمان چۈشەنمەس،
ئاش ناندىنلا ئىزلەيدۇ ھايات.
تىلى ئەبجەش،ئازغۇن خىيالى،
ئۆز سىپى يوق ئويغۇر زىيالى.
مەھمۇد،يۈسۈپ باشتا تاجىسى،
پىشانىدە ماركسنىڭ كۆزى.
«قۇتاتغۇ»نى ھۆرمەتلەپ قويار،
يازغانلىرى (كاپىتال) ئۆزى.
ئىزچىل ئەمەس ھىچ بىر نىشانى،
يىلتىزى يوق ئويغۇر زىيالى.
يا ئۆزىنى كاپىر دىيەلمەس،
يا مۇئمىن دەپ سەپكە كىرەلمەس.
مۇسۇلمانغا كۆيۈنۇپ قويار،
چىن يۈرەكتىن ئەمما سۆيەلمەس.
ئىسلام دىسە ئۆڭەر چىرايى،
كىملىكى يوق ئويغۇر زىيالى.
مەسجىدلەردىن ئەمەس ئۇ رازى،
يازغانلىرى چىركوۋ ئوبرازى.
قەلەملىرى مىڭ ئۆي چۈشەيدۇ،
ئۇيقۇ بۇزار ئەزەن ئاۋازى.
رىئال ئەمەس ھىچبىر خىيالى،
تارىخى يوق ئويغۇر زىيالى.
ياىشلىغىدا يازار «ئويناڭ قىز»،
قىرىغاندا يازار «ئويلاڭ قىز».
ئەرگە بىرىىپ مۇھەببىتىنى ،
دەيدۇ تىخى تاشلىۋەتكەن بىز.
يالغان يىغلاپ يالغان كۈلىدۇ،
ساداقەتسىز ئۇيغۇر زىيالى.
ئەركىنلىككە دىندەك ئىشنەر،
يالىڭاچنى توغرا چۈشىنەر.
يۈز ياپقاننى، ساقال قويغاننى ،
سېسىتماققا بەكمۇ كۈچىنەر.
ئەنئەنىسىز ئىجادىيەتسىز،
تەشۋىقاتچى ئۇيغۇر زىيالى.
ئۇنتۇپ كەتكەن ئەرلىك ھوقوقنى،
ئايال پەرەس سۆزلەپ نوتۇقنى.
ئەر بارمۇ دەپ قاخشار قىز-خوتۇن،
ئۇ تالىشار قازان قوشۇقنى.
تەڭلىك نىمە تەڭپۇڭلۇق نىمە،
بىلمەي ياشار ئۇيغۇر زىيالى.
ئۇيغۇنلىشار ھەر خىل سۈلۈككە،
كومۇناغا شەخسى مۇلۈككە.
قەلەم ھەققى بەرسەڭ يازىدۇ،
مەڭگۈ ھايات دەپمۇ ئۆلۈككە.
جان بىقشىتۇر پۈتكۈل خىيالى،.
رەڭ تونۇماس ئۇيغۇر زىيالى.
ئورۇس بولغان بىر چاغلار قوپۇپ،
ئىسمىنىمۇ قويغان بىرمىيۇپ.
ئەمدى دەيدۇ كەئبەم غەرىپتە،
ئۆزلۈك نىمە قويماس ئويلۇنۇپ.
خۇددى ئاپتاپپەرەس مىسالى،
قىبلىسى يوق ئويغۇر زىيالى.
مىڭ ئۆي ،نوم دەپ قاينار بىر تاغا.
ساپال بۇتنى ئالسا يادىغا،
شۇ بۇتچىلىك كۆيمەس ۋە لىكىن ،
ھازىر مەۋجۇت ئىتقادىغا.
تۇغسىز ياشاپ يولسىز ئۆلىدۇ،
ھەيرانلىقتا ئۇيغۇر زىيالى.
تارىخ يازسا يازار يالغاننى،
پەقەت مەشرەپ مۇقام چالغاننى.
ئەقىدىلىك مىللەت نەسلى ئۇ،
بىلمەس دىننى دىندار ئىنساننى.
خەققە ئۆگەي بىزگە ئۆز ئەمەس،
يىلتىزى يوق ئۇيغۇر زىيالى.
سوقاشتۇرار دىنغا مىللەتنى،
دىندىن كۆرەر ھەر بىر ئىللەتنى.
يازار نىزا قىلغان كۈلپەتنى،
تىلغا ئالماس قىلغان خىزمەتنى.
ئەۋلىيانى تىللاپ ئۆلتۈرۈپ ،
گۈمبەز ساتار ئۇيغۇر زىيالى.
بىرلىشەيلى دىسەڭ ئازىدۇ،
يوللىرىڭغا ئازگال قازىدۇ.
ئۇيغۇرمۇ سەن مۇسۇلمانمۇ دەپ،
تور بەتلەرگە سۇئال يازىدۇ.
غەرەزلىكتۇر قويغان سۇئالى،.
قارا كۆڭۈل ئۇيغۇر زىيالى.
ھەممە ناچار ئەمەس ئەلۋەتتە ،
قارا قويۇق سۆكتۇق غەيۋەتتە.
ئەلدە كۆز بار ھەقتە تارازا،
ئەلنى سۆيگەن قالماس بىر چەتتە.
دىنداش دىلداش بولار چىندىلدىن،
ئۆز خەلقىنى سۆيگەن زىيالى.
يۇيۇلماقتا كۆڭۈلدىن داتلار،
دىندارلاشتى يىڭى ئەۋلاتلار.
كىملىكىنى تاپتى ئىيماندىن،
يىڭى ئەۋلات زىيالى زاتلار.
شۇنداقتىمۇ بىزدە يوق ئەمەس،
كىملىكى يوق ئازغىن زىيالى.
2012/11/4
مەنبە: ساقىيە چۈش-تەبىر تورىhttp://www.saqiye.com/news_list.asp?id=424