نۇرنىسا يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 03:08 PM
ۋاي بەرمىسە قاراپلا تۇرغان قول كۆتۇرۇپ ،بىر نىمە دىسە ...
خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن يېنىمغا بىر نۇسخىئالغۇ قويۇپ قويغانىدىم، كۈندە تۆت بەش كىشى كىرىپ كىملىك دېگەندەك نەرسىلىنى كۆپەيتىپ، چىقىپ كېتەتتى، باشتا پۇل ئالمىدىم، كېيىن ئېلىپ تىلەمچىلەرگە بېرەرمەن قۇرۇق ياندۇرىۋەتكەندىن دەپ پۇل ئېىۋەردىم. ئەمما ئالدىنقى ئايدا مۇنبەردىكى بىر تورداشنىڭ تىلەمچىلەر توغرىسىدىكى تېمىسىنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم، سىز قانچە كۆپ پۇل بەرگەنسېرى تىلەمچىلەر شۇنچە كۆپىيىدىكەن، ئۇلار كۆپەيگەنسېرى قوشۇنى شىددەت بىلەن زورىيىپ، كوچىلارنى بۆلۈشۈپ، گوروھۋازلىققا تەرەققى قىلغىلى تۇرۇپتۇ، تېخى ئالدىنقى ئايدا دۇكاننىڭ ئىچىدىلا ئىككى تىلەمچى ئۇرىشىپ كەتتى. دۇكاندا كىرگەن بىر تىلەمچى ھەممەيلەننڭ ئالدىغا بېرىپ، بەش ئالتە كوي يىغىۋالاتتى، مەن باشقىلارغا تەربىيە ئىشلەپ يۈرۈپ، پۇل بەرگۈزمەيدىغان بولدۇم. بەك ياردەم قىلغۇسى بولسا يىغىپ قويوپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئۆزى بىلىدىغان نامراتلارغا بەرسە بولىدۇ ئەمەسمۇ، مەنمۇ ئالدىنقى ئايدا ھېسابات بوغقاندا قارىسام بىر يۈەنلىك پۇل ئىككى يۈزگە يېقىنلىشىپ قاپتىكەن،(كىملىك نۇسخىلاپ يىغىپ قالغان پۇل) ھېساب ئۆتكۈزگەندە پۈتۈنلىۋېلىپ، ئاپامغا بەرگەن، بىزدىن خېلى يىراقتا بىر نەۋرىسى بىلەن يالغۇز قالغان مومايغا بېرىپتۇ. تىلەمچىلىك قىلىشقا يول قويغان غورۇر ئىناۋىتىمىزنى تۆكۈشتىن باشقا ئىش ئەمەس، سىزمۇ مەنمۇ، ئۇمۇ پۇل بەرمىسە ئۇلار چوقۇم باشقا ئىش قىلىدۇ. ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قالارمىكىن دېمەڭ، نەچچە ۋاقىتتىن تاپقان تەرگىنى بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسىمۇ تۈگەپ كەتمەيدۇ، كونىلار ‹‹قەلەندەرنى شاھ سايلىساڭ ئەگەردە، خورجۇن يۈدۈپ چىقار يەنە سەھەردە›› دەپتىكەن، بۇ گەپ بىكار دېيىلگەن ئەمەس، ئىلگىركى تىلەمچىلەر قورساق غېمىدە تىلەمچىلىق قىلسا ھازىرقىلار تىجارەت غېمىدە قىلىدىكەن.