مېنىڭ بۇ يىلقى پىلانىم :
1. كەسپىمدىن ياخشى نەتىجىنى داۋاملىق ئېلىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىقتىساد بېسىمىنى يېنىكلىتىش .
2. ھازىرچە زادى توي قىلىش قىلماسلىق ، كىم بىلەن قىلىش توغرىلىق ئېنىق بىر قارارغا كېلىپ ، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىسمىمنى ‹‹ توي قىل ›› غا ئۆزگەرتىپ قويغىنىنى ئوڭشاش .
ئۆيدىكىلەر تويغا ئالدىرىتىپ ساراڭ قىلاي دېدى ... لېكىن مېنىڭ ھازىرچە قىلغۇم يوق ... چۈنكى ۋەتەندە 22 ياشتا ئوقۇشى تۈگىگىنى بىلەن بىز ئۇ يەردە نەچچە يىل تىل ئۆگىنىپ ، كەسىپ ئىمتىھان بېرىپ ، بىر ياقتىن ئىشلەپ يۈرۈپ نەچچە يىل كېچىكىمىز ، مېنىڭ ماگىستىرنى ئوقۇغاندا ئاندىن توي قىلغۇم بار ، خۇدايىم بۇيرىسا ئىككى يىلدىن كېيىن .
( ئىككى يىل ساقلاشقا ئاپام قوشۇلمايدىغاندەك ... ئىككى يىلدىن كېيىن 27 دېگەن گەپ ... چوڭمۇ ئەمەسقۇ !!!
ئاپام چوڭ ئانام بىلەن بىر بولىۋېلىپ، << بەك ئوقۇۋەتكەن قىزنى ئەر ئالمايدۇ >> دېيىشلىرى بار ...
مەن تېخى بەك ئوقىۋەتكەنگە كىرمەيمەن ، نى قىزلار بار بىلىملىك .)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-17 05:05 PM