alimjan0321 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 02:09 PM
توغرا دەيسىز بۇنداق ئىشلار بۇ يەدە خىلى كوپ كورۇپ تۇرى ...
شۇنداق ، بۇ مەتۇ ماتاڭچىلارنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن سەلنىي تەسىرى بەك كۈچلۈك ، ھازىر بىزگە ئوغرى ۋە زولاپ ساتا دىگەن ئىككى قالپاقنى كىيگۈزۈپ قويدى .3 كۈننىڭ ئالدىدا خېنەننىڭ لوياڭدا يەنە ماتاڭ ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ ،بىر كېسىپلا 550 كوي بېرىسەن دەپ تۇرۇۋاپتۇ . نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تەيۋەننىڭ بىر تېلىۋىزىيە پروگگراممىسىنى(姐妹会) كۆرۈۋاتسام ،جۇڭگودىن كەلگەن بىرەيلەن شاڭخەيگە ساياھەتكە كەلسەڭلار شىنجاڭلىقلاردىن (新疆帮)دىن يىراق تۇرۇڭلار دەپ تەيۋەنلىك رىياسەتچى ېە چەتئەللىكلەرگە چۈشەندۈرۈپ [رەسىملەر بىلەن ] كەتتى......ئاز بىر قىسىم مۇناپىقلار راستىنلا يۈزىمىزنى بەكلا تۆكۈۋەتتى . ھەتتا ساۋاقداشلىرىم بۇرۇن ئىسلام دىنىدا مۇشۇنداق ئوغۇرلۇق قىلسا بولامدۇ دەپ سورىغانلارمۇ چىقتى [ياتاقدشىمنىڭ ئاپىسىنىڭ سومكىسىنى ئوغۇرلىۋاپتىكەن ، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىمۇ شىنجاڭلىق ئوغرىلارغا ئۇچراپ بېقىپتىكەن.].......ھەي ،ھەر قېتىم جىنپىڭ يولىدىكى مەسچىتكە بارغىنىمدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇل تۆلىمەيلا مېترونىڭ بىكىتىدىن ئاتلاپ چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالىمەن ،خەنلەر كۆرسە گەپ قىلمىغان بىلەن ،بىردەمدىلا يانفۇندا سۈرەتكە تارتىپ توردا سازايى قىلىدۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ ساپاسىنى كۆرۈڭلار دەپ . شۇ بىر قىسملار باشقىلارنىڭ بىزگە ۋە دىنىمىزغا بولغان خاتا چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشماقتا .