مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: koygandengiz

مىللىي-خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ماڭا نىمىلەرنى تونۇتتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2013-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 06:39:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلى كۈچ ۋە ھەرىكەت يوق. شۇڭا ياتلار نىمە قىلسا ئازراق نارازىلىقمىزنى ئىپادىلەپ قۇيۇشتىن باشقا ھىچنمە قىلالمايمىز. شۇ سەۋەبتىن بۇ توغرىسىدا ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق.  ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇريىتى دەپ شۇئار توۋلايمىزيۇ، لىكىن ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇ يەردە دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلغان تورداشلارنىڭ كۆپىنچىسى «ئامال يوق»قا تايىنىدۇ. چۈنكى مىللى كىملىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنى يوقاتماقچى بولغانلارغا پەقەت قەلەم ئارقىلىقلا تاقابىل تۇرۇش كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ئانا تىلىمىزنىڭ يىلدىن يىلغا يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كىلۋاتقانلىقى بۇ نۇقتىنى ناھايىتى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرمەكتە. سەۋەب شۇكى قارشى تەرەپ ئەمەلى كۈچكە ئىگە. لىكىن بىز ئۇ كۈچتىن مەھرۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   islamogli1566 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 06:53 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
abdulahad + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89735
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 08:36:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆتكەن بىر مەۋسۇم 4- يىللىققا قوش تىل ماتېماتىكا ۋە 3- يىللىققا قوش تىل ئىلىم-پەن دەرسى ئۆتتۈم، مەن ئوقۇتقۇچى بولغاندىن بۇيانقى 10 يىل ئاسانلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى، لېكىن ئۆتكەن بىر مەۋسۇم بەكلا تەستە ئۆتتى. 4- يىللىققا كىرسەم ئىككىلا بالا كەرە بىلىدىكەن، خەنزۇچە 的 دېگەن خەتنىڭ مەنىسىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن، دەرسنى ئۇيغۇرچە ئۆتەي دېسەممۇ بەكلا تەسكە توختىدى، چۈنكى ماتېماتىكىغا دائىر سان، ئاتالغۇ، بىرلىك ھەممىنى خەنزۇچىلا ئاڭلاپ چوڭ بولغاندىكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئارىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ، بىر مەۋسۇمنى ئاران تۈگەتتىم، ئەمدى مېنى خىزمەتتىن ھەيدىۋەتسىمۇ قوش تىل دەرسى ئۆتمەيمەن دەپ ئولتۇرىمەن، شۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئويلىساملا قاتتىق ئىچىنىمەن، قوش تىل دېگەن گەپنى ئاڭلىساملا ئىچىمدە يوقالسۇن قوش تىل دەپ توۋلاپ كېتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 730
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3769
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 08:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
suydongpolki يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 08:03 PM
تېما ئىگىسىگە رەخمەت.ھەممىسى رىئاللىق  قازاق1-ئوتتۇرا  ...

ھەر قىتىم ئىككىنجى ئوتتۇرا دىگەن گەپنى ئاڭلىسام يۈرۈكۈم قاتتىق ئاغرىپ كىتىدۇ.
ئاھ سۆيۈملۈك مەكتەپ مەرىپەت بۇلۇقى .............

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88843
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 395
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 09:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا سۈيۈملۈك «تىلىم» تۇرۇپمۇ بۇگۈن ئۆزۈمنى خۇددى تىلسىزدەك ھىس قىلماقتىمەن،چۈنكى «تىلىم» تۇرۇپ سۆزلىيەلمەيمەن،تەپەككۇرۇم بۇغۇلغان،قاناتلانغان ھىسلىرىم ئىلگىركىدەك ئەركىن پەرۋاز قىلالماس بولدى............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89696
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 01:03:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرداشلارنىڭ بەزى گەپلىرنى ئاڭلاپ توۋا دىگىم كىلۋاتدۇ  بىرسى ئانا تىلمىزنى قوغداشقا ئورتاق كۈچ چىقرايلى دىسە بىرسى ئامال يوق دەيدۇ يەنە بىرسى  ئانا تىلدا ئۈزەم تەربىيلىۋالمەن دەيدۇ نىمە دىگەن كۈلكىلىك تىل ئۈگەنسىلا بۇلامدا بىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىز دىنى ئتقادىمىز بىلەن كارىمىز يوق بۇنداق ئانا تىل ئۈگەنگەنىنڭ نىمگە پايدىسى  بەزلەر ئامال يوق دەپتۇ نىمىشقا ئامال يوق مەيلى قوش تىل بولسۇن  مەيلى باشقا تىل بولسۇن ئانا يىل دىگەن ھامان ئانا تىل شۇ باللار ئۈزنىڭ تىلنى بىلمەي تۇرۇپ خەقنىق تىلى بىلەن قانچىلىك تەرەققى قىلالار  سىز خەقنىڭ چاپنىنى سوراپ كىيسىڭىز سىزگە قاچانغىچە ئەسقاتار بۇلارنىڭ مەخسىدى ئەزەلدىنلا بىزنىڭ مىللى مائارپىمىزنى يوقتىش بۇنى ھەممىز بىلمىز بىزپەقەت ئۇلارغا ماسلىشىپ بىرۋاتمىز بۇلار قوشتىل مائارپىدىن ئىبارەت ئاستا خاراكتىرلىق زەھەر ئارقىلىق مىللى مائارپىمىزنى زەھەرلەۋاتىدۇ يەنە يىگمە يىل دىن كىيىن بۇ زەھەر كۈچنى كۆرسىتىپ ئانا تىلمىز يەر شاردىن تۇللۇق يوقايدۇ بۇ زەھەر ھازىرمۇ كۈچىنى خېلى ئۇبدان كۆرسەتتەى ھەي........  سىزمۇ بالىڭىزنى شۇلارنىڭ مەكتىپىدە ئۇقۇتۇڭ مەنمۇ ئۇقۇتاي ئۇمۇ ئۇقۇتسۇ ن ھەممىز ئۇقۇتايلى شۇ چاغدا ئانا تىلمىزنىڭ ئاقۋىتى قانداق بۇلا بىز ھازىر ئانا تىلمىزنىڭ تىزراق يوقۇلشىغا بىر كىشلىك ھەسسە قۇشۋاتمىز تېخى ئامال يوق دەپ ئۈزىمىزگە ئۈزىمىز باھانە كۆرسىتدىكەنمىز  يەنە نەچچە ئون يىلدىن كىيىن بىزنىڭ ئەۋلاتلىرمىز شۇلارنىڭ مەسخىرسىگە قالماسما سەنلەرنىڭ ئۆز يېزقىڭ يوقمۇ دىسە ئەلۋەتتە بار دەپ جاۋاپ بىردۇ كىتاۋىڭنى ئۇقۇپباق دىسە ئۇقۇيالمىسا نە ئات نە نۇمۇس ئۇنداق قىلمايلى قېرىنداشلىرىم مىللىتىمىزگە ئچىمىز ئاغرىسۇن  باللىرمىزغا ئىچىمىز ئاغرىسۇن ئەجداتلىرمىز مىڭ تەستە ئىجات قىلغان تىل يېزىقلىرمىز بىزنىڭ دەۋرىمىزدە يوقاپ كەتمىسۇ ن  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90120
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2013-1-15
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 01:24:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي نىمە دىسەم بولا.  ئانا تىلىمىز ئەمدى ئەبجەش بوپ كەتتى دە!!!!!!!  

كىممۇ دەيدۇ؛ ‹‹ياۋروپالىق-مەدەنى››
نە ئەدەپ بار،نە ھايا،قىپيالىيالىڭاچ بەدىنى.
گەر مەدەنىيەت   ئىچىش بولسا بەدەننى،
دىسەڭلارچۇ،ھايۋان بىزدىن بەكرەك مەدەنى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16733
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7758
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 08:30:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنشا ئاللا مەن خەنلىرىمىز بىلەن ئۇقۇماپتىمەن بىراخ ئۇكامغا قاراپ شۇنى ھىس قىلدىمكى بۇ دۆلىتىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان يېڭى تىل-يېزىق ئوزگەرتىش سىياسىتى ئىكەن .

جۇدۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65723
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3380
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 09:08:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى بېر خەنزۇ توردىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ، ئۇنىڭ ئەجدادى تۈركى قەۋېملەردىن قارا قالپاقلاردىن ئىكەن . ئۇ مەندىن تۈركى مىللىتى ۋە  تۈركى دۆلەتلىرى توغرىلىق بەزى نەرسىلەرنى سورىدى ۋە ئۆزىنىڭ تۇركلەرنىڭ بىرەر دەۋېر ھالقىغان مۆجىزىلىرىنى كۆرسە خۇشال بولىدىكەن ، گەرچە ئۆزى ھازېر تولۇق خەنزۇ مىللىتىگە تەۋە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن تۈرىكلەرگە باشقىچە ئىخلاسى بار ئىكەن . ئۇ ماڭا يەنە سىلەر تۈركلەر بىر ئولۇغ مىللەت ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ، تۈرىكلەر ،ئۆزبېكلەر تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ، ئەپسۇس ، سىلەر ھازېر بەك بۆلۈنۈپ كەتتىڭلار ، ئەگەر سىلەر بىرلىشىپ بىر گەۋدە بەرپا قىلالىغان بولساڭلار چوقۇم بىر كۈچلۈك دۆلەت بولالايتىڭلار ، بۇ توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ ئارزۇلىرى ، پىلانلىرى زور ......... دەيدۇ . راس گەپ قىلسام ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ئاجايىپ سۆيۈنۈپ قالدىم . بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە ئىشەنمەي، ئۆزىمىزنى چۈشۈرۈپ ، ئۈمىدسىزلىنىپ ياشايمىزۇ باشقىلار زور ئۈمىد باغلىسۇن بۇ نېمە گەپ ؟ بىزدە نېمە كەم ؟ ئىشەنچ ، بىلىم ، ئىتىپاقلىق كەم قېرىنداشلار . مەن ئۇنىڭدىن سېلەر خەنزۇلارمۇ ئۇلۇغ مىللەت . ھەم دۇنيادىكى نۇپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت دېسەم ئۇ بىز ئوخشىمىغان دەۋېرلەردە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى قوشۇۋالغان ، مەسلەن تاڭ خانلىقى زامانىدا بەزى تۈرىك قەبىلىلىرنى ، خەن خانلىقى زامانىدا بەزى ھون قەبىلىلىرىنى ، سۇڭ ، لىياۋ خانلىقلىرى زامانىدا خىتايلارنى ، يۈەن خانلىقى زامانىدا كۆپلىگەن مۇڭغۇللارنى ، چىڭ خانلىقى زامانىدا مانجۇلارنى قوشۇۋالغان . سىلەردەك ساپ ئەمەس دەيدۇ . ھەم يەنە بىزنىڭ نۇپۇسلىرىمىزنى سورايدۇ ، مەن ئۇيغۇرنىڭ دۇنيادىكى نۇپۇسۇ 22 مىليۇن ، تۈركلەرنىڭ ئومۇمى نۇپۇسىمىز 200 مىليون دېدىم . ئۇ مانا ، شۇنچە كۆپ ئاھالىلىك مىللەت ئىكەنسىلەر(ئۇلار ھەممىمىزنى بىر مىللەت دەپ تونۇيدىكەن ، بەزى تۈركى قېرىنداشلىرىمىزنى باشقا يات مىللەت بىلەن ئوخشاش سانايدىغانلارغا سېلىشتۇرۇپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى . ياتلار بىزنىڭ ئەجدادىمىزنى ،تارىخىمىزنى بىلسۇنۇ ، بىز ئۆز ئۆزىمىزنى ، ئاغا ئىنىمىزنى ياتلاردىن پەرىقلەندۈرەلمىسەك . ھەي !) سىلەر بىرلەشسەڭلار چوقۇم روناق تاپىسىلەر دەيدۇ . مانا قېرىنداشلىرىم ، بۇ بىر خەنزۇ قېرىندىشىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن باھاسى ھەم بىزگە بولغان تونۇشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87898
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1180
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 03:20:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvljahan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 01:39 AM
ئانىلار ،  نىمىش قىلىۋاتىسىلەر ؟ بولدى قۇيۇڭلار بازار  ...

بىلجىرلاش ئەمەس،ناۋاتتەك گەپ قىپسىز،يۈز تۇرانە بولغان بولساق قولىڭىزغا بىر دەستە گۈل تۇتاتتىم،بارلىق خانىم-قىزلىرىمىز سىزدەك ئويلىغان بولسىچۇ

نۇر ئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر http://www.65933.cn/136183

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89765
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 04:22:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىمزنى ئامالىنىڭ بارىچە قۇغدايلى ......

ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ، كۆلۈپ ياشاڭ !!!! ھايات پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش