مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: elipba2

5 تال سۈرەتلىك ناخشا ( كىرىشتۈرۈلگەن ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89718
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 340
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:37:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخنىكىڭىز بولدىكەن ،تېخنىكا ئېگەللەش ياخشى ئىش ، لېكىن بۇ تېخنىكىلارنى ئىشلىتىلى دېسەك نۇرغۇن مۇھىم ئورۇنلار بار ، بىزگە لازىم نەرسە نېمە شۇنى ئويلاپ باقساق دەيمەن .رەھمەتلىك چوڭئانام ئۇنى كېسىپ  بۇنىڭغا ياماق قىلىپ ، بۇنى كىسىپ ئۇنىڭغا ياماق قىلىپ  ، كونىنى يېڭى قىلىپ، يېڭىنى كونا قىلىپ دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرەتتى ، مەلىمىزدە يەنەبىر رىمۇنىتچى بار ئىدى ، ئۇ ۋېلىسپىتنىڭ بىر زاپچىسىنى ، بۇ ۋېلىسپىتنىڭ بىر زاپچىسىنى ئېلىپ قۇراشتۇرۇپ بىر ۋېلىسپىت قىلاتتى ، قىلاي دېسە بۇمۇ بىر ھۈنەر . بىز يېڭى كىيىم تىكەممىگەندىكىن ، ياكى يېڭى بىر ۋېلىسپىت ياسىيالمىغاندىكىن شۇ شۇنداق قىلىپ تۇرىدىغان گەپ ، ئەگەر  بۇ ھۈنەرنى داۋاملاشتۇرىۋەسەك ئېنىقكى جاھاندىن مەڭگۈ شۇ كونا كىيىم كىيىپ، كونا ۋېلىسپىت مىنىپ ئۆتۈپ كېتىمىز . بۇئىشلارنى پەقەت مەشىق دەپ قاراڭ قېرىندىشىم ، ئەڭ ياخشىسى باشقىچىراق ئىش قىلىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4205
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9673
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 09:09:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كىرىشتۈرۈپسىز ..تىرىشىڭ ،

قەيسەرجان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1416
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16151
تۆھپە نۇمۇرى: 955
توردا: 8512 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 10:50:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تېمىنىڭ ئىگىسى.
  سىز 会声会影 نى ئۆگىنىشكە سەرىپ قىلغان ۋاختىڭىز زېھنىڭىزنى  EDIUS قا سەرىپ قىلىڭ. سىز فىىلىم كىرىشرۈرۈشقا راسلا بەك قىزىقىدىكەنسىز. سىزنىڭ بۇ قىزىقىشىڭىز ياخشى ئىش، بۇ ئىشنى مۇكەممەل قىلىش ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس.
    EDIUS نىڭ ئىقتىدارى كۆپ، ھازىرقى تېلىۋىزىيەدە كۆرسىتىلىۋاتقان خېلى كۆپ ئېلان كۈرۈنۈشنى، ۋە توي فىلىم ئىشلەيدىغانلار ئاساسەن   EDIUS نى ئىشلىتىدۇ. سىز ئەگەر مۇشۇ دېتالنى ئازراق چۈشىنىۋالسىڭىز تېخىمۇ قىزىقىپ قالىسىز.
   EDIUS نى ئىشلەتسىڭىز يەنە تېخىمۇ مۇكەممەل ئۈنۈم ئىشلەيدىغان بىر دېتال  بار ئۇ،  AE .
  مەنمۇ سىزگە ئوخشاش كەسپىي ئەمەس، لېكىن مەن بىر قېتىملىق تاسادىبىي ئىش بىلەن مۇشۇ ئىشقا قىزىقىپ قىېلىپ قىسقا بىرنەچچە ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۇستاز تۇتماي ئۆزۈم ئۆگىنپ ھازىر خېلى پىشىپ قالدىم، توي فىلىم ئىشلەيدىغانلارغا ھەر خىل قىلىپ ئىشلەپ بىرىۋاتىمەن.
  سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. بىلىم ئۆگىنىش ئىلگىرلەش، ھەرگىزمۇ ‹قىلىدىغان ئىشى يوق› ئادەمنىڭ ئىشىمۇ ياكى تور ئېچىۋېلىىپ قۇرۇق گەپ بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ئادەمنىڭ ئىشىمۇ؟ سىز بۇنى چۈشىنەلەيسىز. سىزنى قوللايمەن.
  كىرىشتۈرگەن ئەسەرلەرگە مەن بىرنىمە دىمەيمەن. ناخشا مېنىڭ ئەمەس، مېنىڭ باشقىلارنى ئۇنداق بۇنداق قىپسەن دەيدىغان ھەققىم يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84726
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 664
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 336 سائەت
تىزىم: 2012-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 02:20:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nur65 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-19 10:50 AM
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تېمىنىڭ ئىگىسى.
  سىز 会声会影 نى ئۆگىنىش ...

سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم  !!
  مەن ھازىر دەل سىز دىگەن ئاشۇ EDIUS نى چۈشۈرىۋاتىمەن ، چۈشۈپ بولسا چوقۇم سىز دېگەندەك سىناپ باقىمەن . يەنە بىر قېتىم رەھمەت سىزگە !!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش