يىڭى يىل ناخشىسى
بۆگۈن 2012- ياق 2013- يىل 1 - يانۋار...
ماناكۆرىۋاتامسىز؟ كۆنگەن يامان بولغاچ غەلەت كىتىۋاتىمەن. 2012 كەلمەسكە كەتتى، كالىندارنىڭ بىرۋارىقى يىرتىلىپ ھەركىمنىڭ ھاياتلىق گۈلىدىن بىر يوپۇرماق تۆكۈلدى.
دەپ كۆنۈپ قالغان، ئاڭلاپ كۆنۈپ قالغان، يېزىپ كۆنۈپ قالغان 2012 كەلمەسكە كەتتى... بۇنداق كەلمەسكە كەتكەنلەر كۆپ تۇرسا نىمىگە بۇيىل بىلەن قالغاندۇ ماۋۇ ئاداش دىگەنسىز بەلكىم... راست دەيسىز... بىراق مىنىڭ نىمىلەرنى كەتكۈزىۋەتكىنىمنى ھىس قىلىشىم مۇشۇ كۈنلەردە دولقۇندەك كۈچلۈك بولۇپ، دىمەي قويۇپ قويالمايدىغان يەرگە كەپ قالدىم.
مەن بۇيىلغا نۇرغۇن ئىشلىرىمنى سۆرەپ كىردىم: دەپ بولالمىغان، ئاڭلاپ بولالمىغان گەپ- سۆز؛ قىلىپ بولالمىغان ئۆگۈنۈش؛ بىلىپ بولالمىغان نۇرغۇن بىلىملەر... قەلبىمنىڭ بىر يىرىدە ئۈمۈد، بىر يەرلىرىدە ئۆكۈنۈش...
« ۋاقىت دىمەك، ھايات دىمەكتۇر» دەپ ئۆگەنگەندىن بىرى، ۋاقىت قەدرىنى بىلىشنى ئارمان قىلىپ دەرمانغا ئايلاندۇرۇپ بولالماي، قەلبىمدىكى ئۈمۈد چو غلىرىنى گۈلخانغا ئايلاندۇرۇپ بولالماي، پىلان- لايىھەلىرىمنى ئەمەلى جەريانغا ئايلا ندۇرۇپ بولالماي، يەنە بىريىلغا كۆتۈرگۈسىز يۈكنى ئۆشنەمگە ئارتىپ كىرىپ كەلدىم... بۇيىڭى يىلدا مىنى يەنە قانچىلىك يۈكلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ؟.. بۇنى بىلىپ بولمايدۇ...
بىر ياش ئېلىپ كەپتۇ يىڭى يىل،
ماڭا سوۋغات بەرمەكچى دىمەك.
« ئېلىپ بەر»دۇر ھاياتدەستۇرى،
مەنمۇ سوۋغات بىرىشىم كىرەك...
تۈنۈگۈندىن ئالغانلىرىم كۆپ،
بۇلالمىدىم ئەمما قايتۇرۇپ.
قالار بولدى نىسىگە« بەرمەك»
ھە بۆگۈنمۇ مەن«ئېلىپ» تۇرۇپ.
بېشىم تۆۋەن پۇشايمان ئۈستۈن،
نىتەي قايتماس كەتكەن شۇ كارۋان.
ھەمراھ ئىدى تېخى تۆنۈگۈن،
نەلەرگىدۇ بۆگۈن يول ئالغان...
قۇرۇق قوللا بارما ئەتىگە،
دەيتتى ھەرتاڭ شىۋىرلاپ ئاستا.
مەن غەپلەتتە بىرەلمەي قۇلاق،
بۆگۈن مانا قەلبىم قوقاستا.
كىتىۋەرسە كەلمەسكە كۈنلەر
ئۆتىۋەرسە تاڭمۇ پىچىرلاپ.
غالىپ كىلىپ ھاۋايى ھەۋەس،
قېلىۋەرسە ئەقىل تىپىرلاپ...
ئۈمۈد بار دەپ ئۆلمىگەن جاندا،
ئېغىزدىلا بۇلىۋەرسە گەپ.
جانغا كەلسە بىر كۈنى نۆۋەت
ئەسقاتارمۇ يالۋۇرۇش، يا خەپ؟...
ئەڭ كىيىن باشلاشمۇ كىچىككەنلىك ئەمەس. پەقەت ھىس قىلمىغان ۋە باشلىمىغاندىن مىڭ ياخشى.
لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئۈمۈد چۆغلىرى بىلەن؛ ئالغا ھەيدەۋاتقان ئارمان تۇغلىرى بىلەن؛ ھارماس- تالماس جەڭچىدەك غەلبىسىرى ئىلگىرلەشكە،ئۇلۇغ پەرۋەردىگاردىن مەدەد تىلەپ، مەزمۇت قەدەملىرىمنى تاشلاپ كۆرەي؛ ئارمانلىرىمغا دەرمان تېپىپ قالسام ئەجەبمەس.
گۇناھلارغا پاتقان بەندىمەن،
تامامىسى غەپلەتتىن كەلگەن.
ئۈمۈدۋارمەن ئەمما اللە تىن
دەس تۇرۇشقا تەييار، تەمشەلگەن.
ساپ بولسىلا نىيىتىم قەلبىم؛
ئىرىشتۈرەر ئىمكانغا رەببىم!
مەنبە: .ئۇيغۇرتىكىن
2013- 1- يانۋار سەيشەنبە كىچە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-17 11:37 AM