gadankax111 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 11:43 AM
قارىغاندا مۇنبەردە تىخى ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيىپ يۇر ...
بۇرادەر ! گىپىمنى چۈشىنىڭ ! مەيلى ئۇ يايما ئىچىۋاتقان تىۋىپ موللا بوپ كەتسۇن ، ئىمام بوپ كەتسۇن !ھىلىغۇ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن، ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ ئىسلامىي ئىلىمدە ۋە قۇرئان يادلاشتا كامالەتكە يىتىپ كەتكەن بىرى بولسۇن! ئۇنىڭ ئۆگەنگەن ئىلىمى ئۇنى پەقەت بىر قۇرق ئاتاققىلا ئىگە قىلالايدۇ ! بۇنداق ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقمۇ بولمايدۇ ! قورساق بىقىش ئۈچۈن ئىمام بولۇۋالغان ، باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالغان بۇنداق ئىماملارنى قۇرئاندا ناھايىتى ئىنىق ھالدا ، كىتاپ يۈدۈۋالغان ئېشەككە ئوخشاتقان ! بۇنى سىزمۇ ھەم ئەلۋەتتە بىلىسىز ! بۇنداق ئىماملارنىڭ ئىماملىق ئورنىغا چىقىشى دەل ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ ! ئىمام سايلاش توغرىسىدا ئارتۇق سۆز قىلماي بۇرادەر ! ئىسلامدا ئىمامنى كىمنىڭ قانداق شەكىلدە سايلايدىغىنىنى ، دىنى ئۈچۈن ئىزدىنىپ كىتاب كۆرگەن ئادەم ھەممىسى ئۇقىدۇ ! بۇرادەر سىز يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرگىنىڭىزدەك ، قۇرئان ئايەتلىرىنى تەۋھىد ئۇقۇمىنى قىلچە چۈشەنمەي ۋە چۈشەنسىمۇ يەھۇدىلارچە شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەل قىلماي ، قارىقويۇق قارىغۇلارچە يادلاپ ، مەكتەپتىن بىر ئىككى دىپلومنى قورساق بىقىش ئۈچۈن ئىلىپ چىقىپ ئىسلام تونىغا ئورۇنىۋالغانلارنى ،مەيلى قارىم ،ئىمام ئاخۇنۇم،مەزۇن،ياكى قارى ھاجىم بولاپ كەتسۇن !ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت(س،ئە،ۋ) ئۇلارنى شەرىئەت ھۆكمىدە مۇسۇلمان ۋە ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ كۆرسەتكىنى يوق ! مۇسۇلمان بولالمىغان ئادەم قانداقمۇ ئىمام بولالىسۇن! بىر جامائەتنىڭ ئەڭ ئالدىدا باش بولۇپ پۈتكۈل جامائەت ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىپ ناماز ئوقۇسۇن ! بۇرادەر كۆزىڭىز كۆرگەن سەللىنى يوغان كىيىۋالغان ، قۇرئاننى قارىغۇلارچە يادلاپ ئاتاققا پۇل تىپىش ئۈچۈن ئىمام بولۇۋالغانلارنى ۋە باشقىلارنى ئۆزىڭىزچە ئىسلامنىڭ ئىچىگە ئىلىپ كىرىۋىلىپ ، باشقا ھەقىقىي ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ يولىدا تەۋرەنمەي مىڭىۋاتقانلارنى ھاقارەت قىلغىنىڭىز ئىنىق خاتا !
باشتا يازغان ئىنكاسىڭىزدا ، شۇنداق5 ناماز ئۆتەپ ھەممە ياخشى ئىشنى قىلىپ ، ئاندىن مەسچىتتىن چىقىپ ،ئۆزى بىلگەننى قىلغانلاردى ن ھاراق بوتۇلكىسىنى كۆتۈرۋىلىپ لىيفىڭچە ياشىغان ياخشى دەپسىز !مۇشۇ گىپىڭىزگە بىر ئاددىيلا ھۆكۈم بىرەي !
بۇ ئىنكاسىڭىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ھەدىسلىرگە تۈپتىن زىت ! مەيلى ياخشى نىيەتتە تەنە قىپ دىگەن بولسىڭىزمۇ ، گىپىڭىزدە تىلغا ئالغان ئىككىلا خىل ئادەم ئاللاھنىڭ قانۇنىدا توغرا يول ياكى مۇسۇلمانلىق ھىسابلانمايدۇ ! بىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەرزان باھادا سىتىپ جىنىنى بىقىۋاتقان بولسا،بىرى ئىسلامدا زىنا،چوشقا گۆشى يىيىش،قاتارلىق گۇناھى كەبىرىلەردىنمۇ ئىغىر گۇناھ ھىسابلانغان ھاراقنى ئىچىپ تۇرۇپ ، ئاندىن لىيفىڭچە ياخشى ئىش قىپ ياشارمىش!
ئىككى مىسالىڭىزدىكى ئىككى خىل ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى بەك ئوخشايدۇ ! ئىككىلىسى ياخشى ئىش سورۇنىدىن ئايرىلسىلا ، گۇناھى كەبىرە دەك ئىغىر گۇناھىنى ئۆتكۈزىدۇ ! تولىمۇ ئىچىنىشلىق ۋە كۈلكىلىك بىر ھالەتتىكى ئىككى پۇتلۇق بەدبەخلەرنى ، ئاللاھ مىنىڭ بەندەم ، پەيغەمبەر مىنىڭ ئۈممىتىم دىگەن ئاللاھ پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممىتىدىن ئۈستۈن كۆرگەن بىر ئۈممەتكە ئوخشىتىپسىز ھە!
قىززىق ! مەن خالىغانچە پەتىۋا بەرمىدىم ! ئەگەر بۇ ئىنكاسىڭىزنى بىرەر ۋىجدانى بار كاپىر كۆرسىمۇ سىزنى ئەيىپلەيدۇ !مەن قۇرۇق چىلەكتەك شالاقشىمىدىم بۇرادەر ! سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىز تور دۇنياسىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى مۇشۇ بۇزۇقچىلىققا تولغان جەمىيەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئاران ئاران ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئاددىي ئاجىز ئىمانىي كۆزقاراشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ! ھازىر جەمىيىتىمىزدە سىزدەك تەتۈر پىكىر قىپ ناماز ئۆتەش ۋە ئىسلامنىڭ گىپى چىقسىلا ، ئاۋۇ بەش ۋاق ناماز ئۆتەپ مانداق قىلىدىكەن ، پالانى ھاجىم مانداق قىلىدىكەن ! دىگەن نى قۇرۇق بانا قىپ ناماز ئۆتەپ تۇرۇپ ئۇنداق ئىشلانى قىلغانلاردىن بىزدەك ئۆتىمەي يۈرگەنلەر ياخشىكەنمىز دەپ ، ئۆزىنىڭ ناماز ئۆتىمەسلىكىگە باھانە قىلىۋالدىغان قىل ئۈستىدە كىتىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز جىق ! بۇ مىللەت بىر قۇتۇلدۇرغۇسىز ئازغۇنلۇق ئىچىدە كىتىۋاتماقتا ! بۇ ئىنكاسىڭىز ئەنە شۇخىل دىكى كىشىلەرگە مايدەك ياقىدۇ دە ! ئۇلار ئەنە شۇ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز نى كۆرگىنىدە ، قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۇنۇتقان ھالدا ئۆزىگە-ئۆزى قالايمىقان پەتىۋا بىرىشنى باشلايدۇ!
شۇڭا،بۇنداق ئىنكاسنى ،يەنى ئۇلارغا بولغان ئاچچىقىڭىزنى ،تەنىڭىزنى بۇنداق خاتا ئۇسۇلدا تورغا يوللىماڭ !
مۇشۇنچىلىك دەي ! ئارتۇق سۆزلىسەم ئېشەككە يۈك دىگەندەك ئۆزۈمگە يۈك بولمىسۇن!