sabri@ يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 05:30 PM
.... مۇشۇ «مەشھۇر» دىگەن سۆزنى قالايمىقان ئىشلىتىپ ، بۇ ...
ھەربىر ساھەنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى بولىدۇ ، بۇلاردىن بەزىلىرى ئۆزىنى ئاشكارلاشقا ، داغ-دۇغا قىلىشقا ئامراق كىلىدۇ . يەنە بىر قىسىملىرى بولسا سان ئەمەس سۈپەت قوغلىشىدۇ ، بىر ئىشلا غا بەك داۋراڭ سىلىپ كەتمەيدۇ ،شۇڭا باشقىلار غا ئانچە تونىلىپ كەتمەيدۇ . ئەركىن ئابدۇللا بىلەن ئەكبەر قەھرىمان لار نىڭ مەشھۇرلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، چۇنكى ئۇلار گىتتار بىلەن ناخشىنى تەڭ ئىلىپ ماڭغان ، مەردان ئاكىمىز بولسا گىتتاردا مۇزىكا ئورۇنداشنى ئاساس قىلغان . گىتتار ماھارىتىدە ئۇلارغا ئۇستاز بولالايدۇ . بۇ ئادەم ھەرگىز مۇ مەلۇم بىر رايۇندا ، يەنە كىلىپ يېڭىدىن تونىلىۋاتقان گىتتارچى ئەمەس ، تارىخ ھەم ياش جەھەتتە يۇقارقىلاردىن خىلىلا چوڭ. گىتتارچىلىقىمىزغا قوشقان تۆھپىسىمۇ قىلىشمايدۇ . ( گىتتار چالىدىغان ياكى قىزىقىدىغان تونۇشلىرىڭىز بولسا ، سوراپ بىلىۋىلىڭ )
ئارىمىزدا بىرقىسىم ئادەملەر بار ، ئوخشىغان مىۋىلەرنى سىتىۋالغاندا پەرۋېش قىلىپ ئۆستۈرگەن جاپاكەش دېھقاننى ئەستىن چىقىرىپ ، تەييارنى ئىلىپ ساتقان باققالنىلا تونۇيدىغان ...مۇزىكا ئاڭلاشقىمۇ ساپا كىرەك بولىدۇ . بۇ ئىنكاسىڭىزدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى سىز ئەزەلدىن گىتتار مۇزىكىسى ئاڭلاپ باقماپسىز ياكى ئاڭلىسىڭىزمۇ ، شۇ مۇزىكىنى ئىشلەشكە كىملەر قاتناشقان ، قايسى ئۇسلۇب ، قانداق چالغۇلار ئىشلىتىلگەن دىگەنگە ئوخشاش ئەڭ ئەقەللىي ئىشلانىمۇ بىلمەيلا ئاڭلاپسىز ، شۇڭا بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇزىكانتنى تونىماسلىقىڭىز ھەم يۇقارقىدەك ئىنكاسنى يىزىشىڭىز تەبئىي ئەھۋال ، توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ . ئىشىنىمەنكى سىز بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى دوسلىرىمىز خېلى كۆپ .
ھە راس سىز قانچىلىك ئوقىغان ؟؟؟ مەكتەپلەردە ‹مۇزىكا› دەيدىغان بىر دەرسلىك بار ، ئەگەر ئائىلە ئايالى بولسىڭىز بالىڭىزدىن سوراپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ...