DILKASH يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 12:59 PM
ئەستا، سىز دېگەندەك بىلەرمەنلىك قىلىپ قويۇپتىمەن جۇم ...
ئۇ كۆپ چىكىت قانداقتۇر سىزنى ئاياپ قالغان كۆپ چىكىت ئەمەس. توۋا سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىىڭىزدىن مۇنبەردە خاتا گەپ قىلسا قانچىلىك تىل-ئاھانەتكە قالىدىغانلىقىنى ئازراق ھېس قىلغان بولسام كەينى -كەينىدىن چۈشكەن نارازىلىق كەيپىياتىغا تولغان سېسىق گەپلەر بىلەن يېزىلغان ئىنكاستىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى.
مەن ئەزەلدىن مۇنبەردە بىرسى خاتا ئىنكاس يازغانغا تىللاپ باقمىدىم. ھەممە كىشى بارلىق نەرسىلەرنى بىلىپ كىتىشى ناتايىن. دۇنياغا داڭلىق ئېينىشتىيىنىڭمۇ كىچىك ئىشلاردا سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن يەرلىرى بار.
مەسلەن:
ئېينىشتىيىن مۇشۇك بېقىشقا ئامراق بولۇپ بىر چىشى مۈشۈك بېقىۋاپتۇ. بۇ مۈشۈك بىرنى ئاسلانلىغاندىن كىيىن ئېينىشتىيىن ئۆينىڭ ئىچىدە تىنىچلىققا مۇھتاج بۇلۇپ ئىشكنى يېپىپ قۇيۇپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا بۇ مۈشۈك سىرتقا چىقماقچى بولۇپ ئىشكنى تاتلاپ غەيرى ئاۋاز چىقىرىپ ئېينىشتىيىننىڭ دىققىتىنى چېچىۋىتىپتۇ. بۇ ئىش تەكرارلىنىۋىرىپتۇ. مۇشۇكنى تاشلىۋىتەي دىسە كۆزى قىيماپتۇ. ئاخىرى ئىشىكتىن 2 تۈشۈك ئېچىپ قويۇپتۇ. بىرسى چوڭ بولۇپ بۇنىڭدىن ئانا مۈشۈك چىقىدۇ، يەنە بىرسى كىچىك بولۇپ مۈشۈك ئاسلىنى چىقىدۇ دەپ . ئۇزۇن ئۆتمەي مۈشۈك شۇنداق ئېچىنىشلىق مىياڭلاپ كىتىپتۇ . قارىسا ئارسلان چوڭ تۈشۈكتىن چىقىپ كىرىۋاتقان، ئانا مۈشۈك بولسا كىچىك تۈشۈككە قىسىلىپ قالغان. ئەمىليەتتە چوڭ تۈشۈكتىن بىرنىلا ئېچىپ قويسا چوڭ كىچىك مۈشۈكلەر كەڭرى كىرىپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ..
مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە سەۋەنلىككە بىر بىرىمىزنى مازاق قىلىشساق مېنىڭچە بۇ تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس.. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن. چۈنكى بۇ مۇنبەر دىگەن بىلمىگەننى بىلىدىغان مەكتەپتۇر ...