abdulahad يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 12:55 PM
ئاتا تۈرۈك مۇستافا كامالنىڭ ئۇستازى يەھۇدى بولۇپ بىرك ...
پاھ،پاھ، ھېلىقى يەھۇدىنىڭ ئويلىغىنى مېنىڭكى بىلەن ھەجەپ ئوخشاشكىنا؟! يەنى سەللە ئارتىپ،تەسۋىي سىيرىۋاتقان ئادەمگە بىر تىيىننىمۇ بەرمىگەن، ئۇنى يانغا تارتىپ نەسىھەت قىلغان بولاتتىم. ئەگەر قولۇمدىن كەلسە ئۇنىڭ بىر ھالال ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇۋېلىشىغا ياردەم قىلاتتىم. چۈنكى نەزىرىمدە تەسۋىي،سەللە ۋە قۇرئان ئىنتايىن مۇقەددەس مەنىگە ئىگە، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ھېسىداشلىقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان قورال قىلىشقا بولمايدۇ!! قانچە جاپا تارتسا، كۈچى خارلانسا مەيلى، لېكىن بىر ئىخلاسمەن مۇسۇلماننىڭ ئوبرازى، غورۇرى يوقىتىلسا بولمايدۇ!! ئەگەر ئىچكىرىدە ياكى ياتلارنىڭ يۇرتىدا بىر ئۇيغۇر دوپپا كىيىپ،ساپساق ،بىجىرىم تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان، يولدىن ئۆتكەنلەرگە بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆرسەڭلار ئىچىڭلار ئاچچىق بولمامدۇ؟