ئەمدى ئۇ قىلچىمۇ سۈرمەيتى زۇۋان ،
بارغانچە يېقىنلاپ قالدىغۇ نىشان .
ھەسرەتتە يۈرۈكۈم سوقاتتى تېز_تېز ،
چۈنكى بۇ مەنزىلگاھ_ئىدى قەبرىستان .
كەلگەندە دېدى ئۇ سەۋىر قىلىڭ دەپ ،
مۇشۇ شۇ ئانىڭىز ياتقان تۇپرىقى .
يېقىنىم بولمىغاچ كىممۇ تازلىسۇن ،
چۈشكەنتى قەبرىگە كۈزنىڭ ياپرىقى .
نېمىدۇر تۇرمۇزلاپ قويدى كاللامنى ،
دۇئانى ئۇنتۇپ مەن ئۆزەمنى ئاتتىم .
مانا مەن كەلدىمغۇ جېنىم ئانا دەپ ،
يىغلاپلا قەبرىنى قۇچاقلاپ ياتتىم .
ھىچ توختاي دېمەيتىم ئۇزۇن يىغامدىن ،
مارجاندەك چۈشەتتى ياشلىرىم ئېقىپ .
باسالماي ئۆزەمنى دەيتىم يىغىدا ،
جان ئانا كۆرسەم مەن كەلسەڭچۇ يېنىپ .
ئەمدى سەن كەتكەندە بىلدىم قەدىرىڭنى ،
قەبرەڭنى ئاچساڭچۇ ياتاي سەن بىلەن .
ۋاپاسىز ئوغلۇڭدىن رازى بول ئانا ،
دۇنيادىن كېتەرمەن ئەمدى غەم بىلەن .
قولۇمدىن تۇتۇپ ئۇ تۇرغۇزدى يۆلەپ ،
دۇئانى باشلىدۇق ئۇزۇندىن _ئۇزۇن .
ياشلىرىم _ ۋىجدانىم قىينايتى مېنى ،
نېمىشقا رەنجىتكەن بولغىيتىم بۇرۇن .
ئەسلصدە قەدرىنى قىلغان بولسام دەپ ،
پۇشايمان قىلساممۇ كەلمەس ئورنىغا .
مەن قالدىم ، كەلمىدى شۇ ئانام قايتىپ ،
ئالغانتى مەڭگۈلۈك تۇپراق قوينىغا .
خاتىمە:
دېگۈم بار شۇ دەقىق جىمى ئىنسانغا ،
ئانىنى كۈيلەشكە ئاجىزدۇر قەلەم .
كىمىكى قەدىرلەپ ئۆتسە ئانىنى ،
گۈل ئۈنەر شۇ ئىنسان باسقان ھەر قەدەم .
ئانىنىڭ دۇئاسى كۆكلىتەر بىزنى ،
لېكىن كۆز يېشىغا بولمايلى سەۋەپ .
ئۆچمىسۇن دىللاردىن بۇ بۈيۈك شۇئار ،
ئانىنى قەدىرلەش مەڭگۈلۈك شەرەپ !!
مەنبە : ئىجادىيەت .
ئەسكەرتىش:ئەسەر ۋەقەلىكى پۈتۈنلەي توقۇلما بولۇپ ، ئەسەردىكى پىرسۇناژ بىلەن ئاپتۇرنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق .بۇ پەقەت تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بەڭباش ، ئانىسىنى خورلاپ ئاقىۋەتتە مۇشۇنداق كۈنگە قالىدىغان بەزى ئادەملەر ئۈچۈن سېگىنال تەرىقىسىدە يېزىلدى .شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ خاتا چۈشىنىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .