بەخىتنىڭ يانچۇقى تىشلگەن ئاخشام ،
ئۈمۈتلىك كۆزلەردىن تۆكۈلەر ئازاپ .
ئاي مىسكىن يۈلىنەر يۈلەنچۈكى يوق ،
ئەكسىنى كۆرىدۇ ، يۇلتۇزغا قاراپ .
بەخىتنىڭ يانچۇقى تىشلگەن ئاخشام ،
يۇلتۇزلار مۇكىنەر ، يۈزى قىزىرىپ .
توغراقلار يىغلايدۇ ، ئەلەملەر بىلەن ،
خىيالچان تاغلارغا ، ئۈنسىز تىزلىنىپ .
بەخىتنىڭ يانچۇقى تىشلگەن ئاخشام ،
شامالسىز تۆكۈلەر ، پىشمىغان ئۈرۈك .
چاڭقىغان دىلارغا ، ئىچەر سۈيىمىز ،
ئىلاج يوق چىقمايدۇ بۇلاقتىن سۈزۈك .
بەخىتنىڭ يانچۇقى تىشلگەن ئاخشام ،
سايرىماس باغلاردا قۇشلارمۇ خۇشال .
دەرەخلەر سىلكىنىپ ، تۆكۈپ يۇپۇرماق ،
تال چىۋىق چېغىنى ، قىلىدۇ خىيال .
بەخىتنىڭ يانچۇقى تىشلگەن ئاخشام ،
ئۆمۈچۈك ياسايدۇ ،يېيىپ تورىنى .
شەكىلسىز ھاياتلىق ،قەدەملىرىدە ،
بۆرىگە قازىدۇ ، تۈلكە ئورىنى .
بەخىتنىڭ يانچۇقى تىشلگەن ئاخشام ،
مۈشۈكنىڭ بۇرتىغا ،سېلىنار كىشەن .
ئاشلىقنى ئوغۇرلاپ ، تۈشۈك كولىغان ،
ساچقانغا كەلمەيدۇ ، قىلچىمۇ ئىۋەن .
بەخىتنىڭ يانچۇقى تىشلگەن ئاخشام ،
يىغلايدۇ ناتىۋان ، سىرلىق ھوجرىدا .
ئەينەكتىن كۆرۈنۈپ ،بارچە تەبىئەت ،
بەزلەيدۇ ھاياتنى ، سىرلىق قوينىدا ....
مەنبە--- تاڭنۇر <خەيرۇللا قۇربان > بۆرتالا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-21 09:02 PM