ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك ئككى كۈندىن بىرى ‹‹ئىزدىنىش››مۇنبەرلىرىدە ‹‹تىل-يېزىقنى قوغداش توغۇرسىدىكى تەكشۈرۈش ››ھەققىدە چۈشەندۈرۈش دىگەن تىما پەيدا بولۇپ تىل يىزىق توغۇرسىدا توردا ئەل رايىنى سىناش باشلانغان مەنمۇ شۇنىڭغا قارتا ئۆز قاراشلىرىمنڭ ئوتتۇرغا قويغان .ئۇ تىمىنى كورمەكچى بولسىڭىز. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت ئەھلى :
پۇقرالارنىڭ تىل-يېزىق ئىشلىتىش توغۇرىسىدىكى قانون-نىزاملار توغرىسىدىكى ئومۇملىشىشىنڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ھەمدە شۇنىڭغا ئالاقىدار جەمىئىيىتىمىزنىڭ قانون-تۈزۈم قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنى ئېلىپ باردۇق.
(ئىزاھەت: خەت يېزىشتا ئىملا خاتالىقى بولسا تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز .)
يىقىندا ئۇيغۇر توربەتلىرىدە پەيدا بولغان ‹‹تىل-يېزىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش سوئالى›› بولسا بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن دېيىلگەندەك بىر كىچىك بالىنىڭ ياكى شىنجاڭنى چۈشەنمەيدىغان بىر خەنزۇ يولداشنىڭ ياكى مەزكۇر تەكشۈرۈش سوئالى تور تېخنىكا مۇلازىمېتى شىركىتىدىن ئوينالغان ئويۇن ئەمەس .
مەزكۇر تەكشۈرۈش بولسا 2012–يىللق دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات تۈرى «ئاساسىي قاتلام مۇقىملىقنى قوغداش توغرسىدىكى قانون-نىزاملار توغىرسىدا ئويلىنىش ۋە قانون تۈزۈم توغۇرىسىدىكى قانون تۈزۈم قۇرۇلمىسى »
(رەت نومۇرى 12YJC820035)
دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات باشقۇرۇش توربېتى :
http://www.sinoss.net/
بىزنىڭ تەتقىقات تۈرىمىزنىڭ ئادرېسى
http://www.sinoss.net/2012/0229/39620.html بىز بۇنى 2012-يىلى ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن ، بۇ تەكشۈرۈشنى باشلىدۇق . يەنە بەزەن تورداشلار بولسا بۇ 2012-يىللىق ئىشكەنغۇ ، ئەمدى قىلغىنى نېمىسى دەپ ئەيىپلىشى مۇمكىن . چۈنكى مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدا شىنجاڭدىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتتىن بىر لا بار ، بىز شىنجاڭ دائىرىسىدە ئالدى كەينى بولۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتى ، جۇڭگو كومنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ سىياسى - قانۇن كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار خىزمەت تەرتىپى ، قانۇن تەشۋىقاتى لاھىيىسى قاتارلىق بىر قىسىم ماتىرىياللارنى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى تاپشۇردۇق .
نۆۋەتتە ئىشلەۋاتقىنىمىز بولسا تىل يېزىق مەسىلىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىل-يېزىق مەسىلىسى تەرپىدىن چىققان مەسىلىلەرگە بىز مەسئۇل بولغان ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ، لياۋنىڭ ئۆلكىسى قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەر جايلاشقان يەرلەننىڭمۇ ئۆز مىللىتىدىن بىردىن - ئىككىگىچە ئادەم مەسئول بولغان .
كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئادرىسىغا كىرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈشنى تولۇق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىر ئادەم ئاشۇ تەكشۈرۈش تور بېتىگە كىرىپ تولدۇرسا ، بىز ئاشۇ تەكشۈرەش تور بېتىگەئىجارە ھەققىگە 0.5 مو پۇل تاپشۇرىمىز. شۇنداقلا مائارىپ مىنىستىرلىكىگە ئەنگە ئالدۇرىمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلارنىڭ كېرگەندىن كېيىن ئاخىرلاشقۇچە راي سىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ..
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنىڭ خەلق ھۆكۈمەت بىناسى ئىچىدە قەغەز ئارقىلىق راي سىناش ئېلىپ بېرىلىدۇ . ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ راي سىناش ۋاقتىنى بىز ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن توردا ئېلان قىلىمىز ، شۇ ۋاقىتتا كېلىپ بىزگە ياردەملىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .
بىز تور ۋە قەغەر ئارقىلىق راي سىناشتىن كېيىن كۆپرەك مەسىلە كۆرۈنگەن شەھەر ۋە ناھىيىلەرگە بېرىپ تەكشۈرەش ئېلىپ بارىمىز ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپىڭىزدا بىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مەزمۇنلار بويىچە خاتالىق بولسا رەسىمگە تارتىپ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز ، ئەۋەتكەن ۋاقتىڭىزدا رەسىم تارتىلغان ئورۇن ، ۋاقتىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ . ئادەم كۈچى سەۋەبىدىن 24سائەت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ رەسىم تاپشۈرالمايمىز ،شۇنىڭ ئۈچۈن تېڭشۈننىڭ ئېلخىتىنى ئىشلەتتۇق ، بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب 微信(مكرو خەت) ئارقىلىق ئەۋەتكەن ئېلخىتىڭىزنى دەل ۋاقتىدا كومپيۇتېر ئالدىدا تۇرماي تۈرۇپمۇ ، تېلىفون ئارقىلىق كۆرەلەيمىز ھەمدە خەت قايتۇرالايمىز .
راي سىناش تور بېتى تېخنىكا بىلەن تەمىللىگەن شىركەت تور سېستىمىسى ئۇيغۇرچىنى قوللىمىغانلىقتىن ، راس سىنىغىچە ئۇيغۇرچە خەت بەزەن كومپىيۇتېرلاردا ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى مۇمكىن .
راي سىناش تور بەت ئادرېسى :
http://www.diaochaquan.cn/s/1ULNR
خىزمىتىمىزگە قىممەتلىك پىكىر-تەلەپ ، ماتېرىيال بولسا ئېلخىتىمىزگە ئەۋەتىڭ . ئادرېسى :122342160@qq.com