18099736949 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 11:37 AM
مىنىڭچە شۇنى كۆرگىلى ئادەم چىقمىسا بۇ ئشتىنمۇ چوقۇ ...
خاتىرجەم بۇلۇڭلار ! بۇنى تۇسۇشقا ھۈكۈمەتمۇ بەك كۈچەۋاتىدۇ ، تۇخۇغا ئىچى ئاغرىپ ئەمەس بەلكى بىزگە كۈيۈنۈپ شۇنداق قىلىدۇ . قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتمىسۇن ، بىر-بىرى بىلەن سۇقۇشۇپ قان قىلىشمىسۇن دېگەندەكچۇ . ھازىر بۇرۇنقىدەك كەڭرى زامان قالمىدى . مەن كىچىك ۋاقتىمدا مەھەللىدىكى جاڭگاللاردا تۇخا سۇقۇش ، ئوغلاق دېگەندەك پائالىيەتلەر بەك بولاتتى . ھىچكىمنىڭ كارى يوقتى ، كىيىنچە ئۇنداق پائالىيەت بار يەرلەرنى ساقچىلار ئاپشاركىدەك بۇراپ تاپىدىغان بۇلۇۋالدى ، ھازىر يوق ! بوپ قالسا مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن تەستىق ئالماي قانۇنسىز يىغىلىش قىلدىڭ دەپ قالپاقلار تەييار . مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن تەستىق ئالاي دېسە ، ئادەم توپلىشىدىغان ئىشتىن بۇلار بىزار شۇڭا تەستىق بەرمەيدۇ .
3 يىلنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم ئىت تالاشتۇرۇش پائالىيتى ( ھەۋەسكارلار ) ئۈچۈن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن تەستىق ئېلىپ ، ئۇرۇنلاشتۇرغان . باشقا قوشنا - ۋىلايەتلەردىنمۇ نۇرغۇن قاتناشقۇچى ۋە تاماششىبىنلارمۇ كەلگەنىدى . ئادەملەر جىق بولغاچقا ، ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن چىقىپ تارقىتىۋەتتى . ۋىلايەت تەستىقلىغان پائالىيەتنى ناھىيەدىن چىقىپ توختۇتۋەتتى .
سىز بار يەردە تۇخا سۇقۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەستىق كەتمەيدىكەندە ؟