barnakiz886 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 05:22 PM
نىمانچە قىززىق،لىكىن مەن تاپشۇرىۋالىدىغان يۇمۇر يوقك ...
بىر قىز ئىشتىن چۈشكۈچە كەچ بولۇپ كىتىپتۇ ، قاراڭغۇدا قورقۇپ مىڭىۋاتسا ،كەينىگە بىرسى ئەگىشىۋاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن قىز نەق زاراتگاھلىق تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ ، ھىلىقى كىشىمۇ كەينىدىن تەڭ يۈگۈرەپتۇ . قىز بىر قەبرىنىڭ ئالدىغان كىلىپ توختاپتۇ -دە – دادا قەبرە ئىشىكىنى ئاچە ، ئاچقۇچ ئىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . دىيىشىگە ھىلىقى كەينىدىكى ئەگىشىپ كىلۋاتقان كىشى بەدەر قىچىپ كىتىپتۇ . قىز ئۇھ دەپ تۇرشىغا ،قەبرىدىن :
-يەنە ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپسەن -دە ، كىرە ئۆيگە ”دىگەن ئاۋاز كەپتۇ ، قىز ئالدى كەينىگە قارىماي قىچىپتۇ .
ئەسلىدە قەبرىگە مۆكۈۋالغىنى جەسەت ئوغىرىسى ئىكەن . ئۇ قولىغا گۈرجىكىنى ئىلىپ قەبرىنى قازاي دەپ تۇرىشىغا ،ياندىكى قەبرىدىن:
-كىچىك قىز بالىنى قورقۇتقۇچە تېزىراق ئىشىڭنى قىلە ،گۇي . ما قەبرىدە ياتقىلى 80 يىل بولاي دىدى ،سىنى ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى . دىگەن ئاۋاز كەپتۇ ، قەبرە قازغۇچى قورققۇنىدىن ھوشىدىن كىتىپتۇ . قەبرىدىن بىرى كىيىملىردىكى توپا -چاڭلارنى قىقىشتۇرغىنىچە چىقىپ “ مەندىن ئىش تالاشقانغا توي ”دەپ ئالدىدىكى قەبرىنى كولاي دەۋاتسا ، يىراقتىن دوڭ ،دوڭ ،دوڭ… … قىلغان ئاۋاز كەپتۇ ، قورققۇنىچە بېرىپ قارىسا بىر قېرى بوۋاي قەبرە تىشىدىكى خەتلەرنى قايتىدىن يازغىلى تۇرۇپتۇ .ھىلىقى جەسەت ئوغىرىسى لاغىلداپ تىتىرەپ تۇرۇپ :
_ بوۋا ، نىمە ئىش قىلىۋاتىدىلا ؟ دەپ سوراپتۇ .
بوۋاي ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي :
_ ماۋۇ بەغىرەزلەرنى يىمەي -ئىچمەي باقساممۇ ، قەبرە تاشقا ئىسمىمنى خاتا يېزىپ قويۇپتۇ . شۇنچە يىل ساقلىسام بىرسى كىلىپ تۈزىتىپ قويمىدى ،بۈگۈن ئاچچىقىمدا ئۆزۈم تۈزىتىۋىتەي دەپ قەبرىدىن چىقىشىم .
ھىلىقى جەسەت ئوغىرىسى تىكلا چۈشۈپتۇ .