مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: diyarm

مەمتىمن ھوشۇرنىڭ ‹‹سالچىلار››ناملىق يىڭى رومانى نەشىردىن چىقتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەپەككۇرسىز ھاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5072
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 2483 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 06:54:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2013-1-24 08:34 PM
تېما ئېگىسىگە تەكلىپ :
روماننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىگى ھەقق ...

مەمىتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسىرىنى ئىككىلەنمەي ئېلىۋېرىڭ چوقۇم ياخشى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2436
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 06:55:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرى بىر-بىرىدىن ياخشى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن .
مۇبارەك بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7720
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10324
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 406 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 06:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbrimamkokbora يوللىغان ۋاقتى  2013-1-24 06:10 PM
كىتاب خەۋىرى ئېلان قىلىنغان بىر ئايدىن بۇيان مەن ھەپتى ...

ئۇچ دىيارىغىمۇ تېخى سايىسى چۈشمىدى بۇ كىتاپنىڭ ...

دىل ئازار، خۇدا بىزار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7720
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10324
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 406 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 07:05:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2013-1-24 06:34 PM
تېما ئېگىسىگە تەكلىپ :
روماننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىگى ھەقق ...

توۋا، نىمانداق ھورۇن سىز؟ مۇشۇنچىلىك ئۇچۇر بەرگىنىمۇ يىتىپ ئاشار! قالغىنىنى ئىزدىنىپ بىلىڭ ئەمدى.

دىل ئازار، خۇدا بىزار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 07:08:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2013-1-24 06:34 PM
تېما ئېگىسىگە تەكلىپ :
روماننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىگى ھەقق ...

    ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىككى قىسىملىق«سالچىلار»ناملىق رومانىنى شىنجاڭ ياش -ئۆسمۈرلەر نەشرياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقتى.مەزكۇر رومان يازغۇچىنىڭ تۆت يىللىق ئىزدىنىش، تۇرمۇش ئۈگىنىش،ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانلىرىنىڭ سەمەرىسى بولۇپ،رومان يېزىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن مەمتىمىن ھوشۇر تۆۋەنگە چۈشۈپ قايتا – قايتا تۇرمۇش ئۈگەندى،كىتاپنىڭ كوپىيەسى چىققاندىن كېيىن ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر،پىشقەدەم مۇھەررىرلەر،ھەتتا غۇلجىدىكى ئۆزى زىيارەت قىلغان پىشقەدەم سالچىلارغىچە ئەۋەتىپ كەڭ ـ كۆلەمدە پىكىر ئالدى..شۇ ئاساستا ئىككى قېتىم ئەسىرىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلىدى. يازغۇچىمىزنىڭ ئۆز ئەسىرىگە بولغان بۇنداق مەسئۇلىيەتچان روھىنى ھەممىمىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
    تۆۋەندىكىلەر مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ رومانى ۋە تۇرمۇش ئۈگىنىش جەريانلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى:
    «ئىلى دەرياسىدىكى سالچىلار تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان‹سالچىلار› دىگەن رومانىم ئۈچۈن مەن ئالدىنقى يىللاردىن باشلاپ ماتىريال يىققان ئىدىم. ئىلى دەرياسىدا سال ھەيدىگەن سالچىلارنىڭ كۆپىنچىسى دىگۈدەك ئازاتلىقتىن ئىلگىرى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق يۇرتلىرىدىن مۇزداۋان ئاتلاپ ئىلىغا چىققان ئادەملەر.ئەينى يىللاردا جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىردىنبىر يول،  ئەشۇ مۇزلۇق چوققىلار، خەتەرلىك جىرالارنى بېسىپ ئۆتىدىغان مۇزداۋان يولى ئىدى.قانچىلىغان ئادەملەر بۇ خەتەرلىك يولدىن ئۆتكىچە توڭلاپ ئۆلگەن ياكى تىك قىيالاردىن غۇلاپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. سالچىلارنىڭ شۇ يىللاردىكى جاپا ـ مۇشەققىتىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، يولباشلىغۇچى ۋە بىر قىسىم ھەمراھلارنى ئېلىپ، جەنۇپ ۋە شىمال تەرەپلەردىن قەدىمي يوللارنى بويلاپ مېڭىپ تاكى مۇزداۋاننىڭ مۇزلۇق چوققىلىرىغىچە يېتىپ باردىم.
   بۇ قېتىم 2011-يىل 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە يەنە تۆۋەندە بولدۇم.پىشقەدەم سالچى ئىبراھىمجان ۋە ئورمان مەسئۇللىرىنىڭ ھەمرالىقىدا ئىلى دەرياسى ئېقىنىنى بويلاپ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاراكۆل، ئاغيار قاتارلىق جايلىرىدىن باشلاپ تېكەس، توققۇزتارا،غۇلجا ناھىيەلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ تاكى غۇلجا شەھىرىگىچە بولغان نەچچە يۈز كېلۇمېتىر يولنى نەچچە باستىم. بۇ ئەينى يىللىرى سالچىلارنىڭ ئىلى دەرياسىدا سال ئېقىتىپ ماڭغان يولى ئىدى.بىز ماشىنا ماڭالىغىدەك يەرلەردە ماشىنا بىلەن ماڭدۇق.بەزى يەرلەرنى ئاتلىق ۋە پىيادە باستۇق.دەريا ئېقىنىدىكى ئەينى يىللاردا سالچىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ سالغان دەھشەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ئەگمە، قورام تاشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.
ھازىر ئىلى دەرياسىدا سال مېڭىشتىن توختىغىلى 30 يىلچە بولۇپ قالدى.ئىلگىركى پىشقەدەم سالچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ساناقلىقلا ئادەملەر ھايات ياشاپ تۇرۇپتۇ، ئۇلارمۇ پىنسىيەلەرگە چىقىپ، تەرەپ – تەرەپكە تاراپ كېتىشكەن ئىدى.بۇ قېتىم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ 20 گە يېقىن سالچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىم. قىممەتلىك خاتىرىلەرنى قالدۇردۇم.بۇ ئىزدىنىشلەر جەريانىدا يېڭى – يېڭى ئىلھام،يېڭى – يېڭى تەسىراتلارنى ئالدىم.ئەلگە، تۇرمۇشقا يېقىن بولۇشنىڭ ئەمىلى ئۈنۈمىنى كۆردۈم.»

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13240
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8088 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 07:23:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇغداي يوللىغان ۋاقتى  2013-1-24 07:08 PM
ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىككى قىسىم ...

رەھمەت ،كۆپ جاپا چېكىپسىز . مەنمۇ ئىلى دەرياسى بويىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ،ياماتۇدىكى شۇ كېمىدىن نەچچە رەت ئۆتكەن . ھازىر دەل گۈزەل ئۈرۈمچىدە مەمتىمىن ھۆشۇر بىلەن بىر قورۇدا ياشاۋاتىمەن . گەرچە تۇنۇشمىساقمۇ ئاتاقلىق يازغۇچىمىزنىڭ قۇم باسقان شەھەر رومانى بۇ يازغۇچىمىزنى ھەممە ئۇيغۇرغا تۇنۇتتى . مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم سالچىلار ھەققىدە رومان يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى ئىدى . سىزنىڭ چۈشەندۇرىشىڭىزدىن قارىغاندا بۇ روماندا تەڭرى تېڭىنىڭ جەنۇبىدىن غۇلجىغا كېلىپ بۇ گۈزەل ماكاندىكى ئۇيغۇرنىڭ ئاۋۇشى ۋە تەرەقىياتىغا تۆھپە قوشقان نەچچە ئەۋلات كېشىلەر ئارقا كۆرۇنۇش قىلىنغان ئوخشاشدۇ . بىرنى سېتىۋىلىپ ئوقۇپ باقسام بولغىدەك ....

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 07:32:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2013-1-24 06:34 PM
تېما ئېگىسىگە تەكلىپ :
روماننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىگى ھەقق ...

                            روماننىڭ مۇقەددىمىسىدىن پارچە...

   بۇيۇك چوققىلارنى بېزەپ كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇرغان قېلىن قار – مۇزلار، جىرالاردىن ئوخچۇپ چۈشىۋاتقان سۈپسۈزۈك تاغ سۇلىرى،شۇ سۇلارنى قېنىپ ئىچىپ كۆكلەرگە بوي تارتقان ياپيېشىل ئورمانلار، گۆركىرەپ ئېقىۋاتقان دەريالارنى ياقىلاپ كەتكەن توقايلار، ياۋا گۈللەرگە پۈركەنگەن كەڭ دالا... بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەت بىزگە ئاتا قىلغان ئۇلۇغ بايلىق. ئەڭ ئىپتىدائىي رىۋايەت، ئەڭ قەدىمىي ئەپسانە، ئەڭ گۈزەل رەسىم، شائىرنىڭ ئەڭ يالقۇنلۇق شىئېرلىرىمۇ ئۇلارسىز ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەمەس.
    شۇ ئورمان، شۇ دەريا ئېقىنلىرى ئارىسىدا گۈرسۈلدەپ دەسسەپ ئالدىراش يۈرىدىغان، كىيىملىرىنىڭ يىرتىقلىرىدىن مۇسكۇللىرى بۆرتۈپ چىققان، قۇياشنىڭ ئۆتكۈر نۇرى، بوران – چاپقۇنلاردا چىرايلىرى قارىدىغان ئاجايىپ بىر ئادەملەر بار. ئۇ بولسىمۇ سالچىلاردۇر. دەريا، ئورمانلاردىكى ئەڭ قەدىمىي ناخشىلارنى شۇلار ئېيتقان، ۋادىلاردىن قايتقان ئەڭ دەسلەپكى سادالارنى شۇ كىشىلەر ئاڭلىغان، دەريا ياقىلاپ كەتكەن ئەڭ قەدىمىي ئاياغ يوللارنى شۇ كىشىلەر قالدۇرغان... ئۇلار ئۆركەشلەپ تۇرغان شىددەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدا جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ يۈرىدىغان، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان قورقماس تەۋەكۈلچىلەردىن ئىدى. سالچىلار قەدىمدىن ھازىرغىچە ئەۋلادمۇ ئەۋلارد نەچچە ئەسىرلىك مۇساپىنى مۇشەقەتتە بېسىپ ئۆتۈپ، ئىنسانلارنىڭ ياغاچ ماتىرياللىرى بىلەن ئۆي – ماكان قۇرۇپ ياشىشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. شاھلارنىڭ ئوردا-قەسىرلىرى، بايلارنىڭ ساراي-ئايۋانلىرى،ھەيۋەتلىك مەسجىد،ھەشەمەتلىك ئىبادەتخانىلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئاددى ئادەملەر ئېقىتىپ كەلگەن ياغاچلار بىلەن ئۆرە بولغان. ئىلى دەرياسىدىكى سالچىلار تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ئېتەكلىرىدىن غۇلجا شەھىرىگىچە بولغان نەچچە يۈز كېلومېتىرلىق دەريا ئېقىنلىرىدا نۇرغۇنلىغان قەھىرمانلىق داستانلىرىنى ياراتقان. قىرغاقلار ئۇلارنىڭ خەتەرگە يولۇققان چاغدىكى قەھىرلىك ھۆكۈرەشلىرىنى، توقايلار ئۇلارنىڭ خەتەردىن قۇتۇلغان چاغدىكى شادلىق چۇقانلىرىنى تالاي قېتىم ئاڭلىغان...
    تېخى يېقىنقى يىللارغىچە ئىلى دەرياسىدا سالچىلار قاتناپ تۇرغاندى. دەريا ئاراللىرىغا پادا كالىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ئوتلىتىۋاتقان پادىچىلار، دەرياغا قارماق تاشلاپ قويۇپ، خىيالدا ئولتۇرغان بېلىقچىلار، دەريا بويىدىكى توقايلارغا سەيلە – ساياھەتكە چۈشكەن قىز – يىگىتلەر قولىنى پىشانىسىگە سايىۋەن قىلىپ، دەريا دولقۇنلىرىنىڭ ئارىسىدا لەپەڭشىپ ئېقىپ كېلىۋاتقان سالغا قاراپ:«ئەنە...ئەنە، سال كەلدى، سال!» دەپ ھاياجاندا ۋاقىرىشاتتى. ئۇششاق بالىلار قىرغاق بويلاپ سالغا ئەگىشىپ يۈگرىشەتتى. ۋاقىتنىڭ قەدىمى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا يەتكەندە دۆلەت قەدىمىي ئورمان مەنبەلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. ئورمانلاردىن ياغاچ كېسىش توختىتىلدى. ئەمدى چەكلىك ئورمان مەنبەلىرىنى ئاسىرىمايمۇ بولمايتتى. پەقەت ياغاچ ماتىرياللىرىغا تايىنىپلا ئۆي-ماكان قۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندى. شۇنىڭ بىلەن ھەيۋەتلىك تاغلار ئارىسىدىن سال بىلەن ياغاچ ئېقىتىپ چىقىش ئىشلىرىغىمۇ خاتىمە بېرىلدى.
    سال توختاپ بۈگۈنگىچە نەچچە ئون يىللار ئۆتتى. ئەينى يىللاردىكى پىشقەدەم سالچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئالەمدىن كەتتى. ھايات قالغانلىرىنىڭمۇ ساقاللىرىنى ئاق ئارىلاپ، بەللىرى مۈكچەيدى. دەريا بويلىرىدىكى سالچىلار بېسىپ ئۆتكەن ئاياغ يوللارنى ئوت – چۆپلەر بېسىپ، توقايلاردىكى سالچىلار ياققان گۈلخانلارنىڭ كۈللىرىنى شاماللار ئۇچۇرۇپ بولدى. بارا – بارا ئىنسانلارغا ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن سال ۋە سالچىلار ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، بىر تارىخ، بىر كەسپ، ئوت يۈرەك ئادەملەر ھەققىدىكى بىر داستان ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى... مەن بۇ كىتاپنى ئەنە شۇ سالچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى يورۇتۇپ بېرىشكە باغىشلىدىم.


              *****************************

    ئاجايىپ كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سالچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھايات ۋەكىللىرى ۋە شۇ ئىشلارغا شاھىد ئادەملەرنىڭ ئىزىنى قوغلىشىپ غۇلجا، توققۇزتارا،تېكەس،موڭغۇلكۈرە، غۇلجا ناھىيەسى ئەتىراپلىرىدا ئىككى – ئۈچ يىل يۈردۈم. پىشقەدەم سالچىلاردىن ئاتۇش بۇيامەتلىك تاش ھاشىم(85 ياش)،قاغىلىقلىق ماخمۇت ئاۋۇت(75ياش)،قەشقەر يېڭىسارلىق ئوبۇل ھەسەن(70 ياش)، ئۈستۈنئاتۇشلۇق ئەبەيدۇللا ناسىر(82ياش)، قەشقەر كوناشەھەرلىك رېھىم مامۇت(78ياش)، ئىمىر ھەسەن ئىسلام (80 ياش)، ئۇزۇن يىل ياغاچ كېسىش بىلەن شۇغۇللانغان ئوسمانجان سىدىق(84ياش)، مارالبېشىلىق داۋۇت ياقۇپ (74 ياش)، كونا سالچى ئىسمايىل پالتا(93ياش)، ئابلىز رېھىم(70 ياش)،قۇربانجان ئىسمايىل (80 ياش)،قەشقەر تازغۇنلۇق سەلەي نەمەت(96 ياش)، ئاتا – بوۋىلىرىدىن تارتىپ سالچىلىق بىلەن ئۆتكەن ئوسمان مۇھەممەت... توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ سابىق ھاكىمى نىياز باقى (80 ياش)، خەلپەم بۇزۇرۇكۋار مازىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى خەلىپىسى پىدا خەلپەمنىڭ ئوغلى نۇرى پىدا، غەربىي تەڭرىتاغ ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق رەھبىرى تۇداخۇن مۇھەممەت، ئابدۇرېشىت ئابدۇقادىر، تاشسامىيۈزلۈك پىشقەدەم مائارىپچى ئابدۇقېيۇم ئەپەندى، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ پىشقەدەم رەھبەرلىرىدىن بىرى روزى تاران،قاپچىغاينىڭ ئىلگىركى مائارىپچىلىرىدىن بىرى سۇلتان قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچىراشتىم. بۇ پىشقەدەم سالچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر مېنى كۆپلىگەن قىممەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىدى.
كونا سالچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەينى يىللاردا ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، مۇز داۋاننى ئاتلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا چىققان ئادەملەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئەتىراپلىق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئاقسۇ جامدىن موڭغۇلكۈرە شوتىغىچە سوزۇلغان قەدىمي يولنى كۆرۈش زۆرۈر ئىدى. ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ ئۇلاغچىلىق قىلىپ مۇز داۋاندىن كۆپ قېتىم ئۆتكەن ئەسلى كۇچالىق ئابلىمىت ماخمۇت ھاجىم، موڭغۇلكۈرە شوتىدىكى مۇھەممەت ساقچى،ئابابەكرى، ئاقسۇ جامدىكى روزى ئەيسا، ئونسۇ ناھىيە بازىردىكى تۇردى تۆمۈر، مۇز داۋان يولىدىكى قەدىمىي ئۆتەڭ «تىكەنقورۇق» يېزىسىدىكى ياسىن ھاشىم قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مۇز داۋان، كارۋان يوللىرى ۋە قەدىمىي ئۆتەڭلەر ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدىم.

..................................................

    ئەسەرنى كىتاپخانلارغا ياققۇدەك قىلىپ يېزىپ چىقالىدىممۇ يوق؟ بىلمەيمەن. بۇ كىتاپتا سۆزلەنگەن ئىشلارنى راست دىسىڭىز راست، چۈنكى ئۇ ئىشلارنىڭ بەزى شاھىدلىرى ھېلىمۇ ھايات. يازغۇچىنىڭ بەدىئىي توقۇلمىسى دىسىڭىز ئۇمۇ يالغان ئەمەس، چۈنكى مەن ئۆز قەلىمىم بىلەن ياراتقان بىرنەچچە پىرسۇناژلارنىڭ ئۈستىگە سالچىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىش – ئىزلىرى ۋە مۇرەككەپ خاراكتىرىنى يۈكلىدىم...

روماننىڭ مۇندەرىجىسى

1- قىسىم مۇزات يولىدا

بىرىنچى باپ: ئوغۇل ئۆيلەشنىڭ قىزىق شەرتى
ئىككىنچى باپ: قاچ، بالام
ئۈچۈنچى باپ: ھەزرەت سەيلىسى
تۆتىنچى باپ: سەمەت نوچى
بەشىنچى باپ: ئىلىغا كېتەي
ئالتىنچى باپ: ئۆمەر مەدداھ
يەتتىنچى باپ: ئىلىدىكى تۆت مازار
سەككىزىنچى باپ: سىرلىق چاپچال مازار
توققۇزۇنچى باپ: ھۈسەن بايۋەتچە
ئونىنچى باپ: شەيتان
ئون بىرىنچى باپ: دەرەخ كەسمە
ئون ئىككىنچى باپ: جامدا
ئون ئۈچۈنچى باپ: مانا بۇ قورغان
ئون تۆتىنچى باپ: قىمار

2-قىسىم مۇز داۋان

ئون بەشىنچى باپ: خاتىرىلەر
ئون ئالتىنچى باپ: قاغىلار
ئون يەتتىنچى باپ: تامغاتاشتا تۇمان
ئون سەككىزىنچى باپ: مۇز داۋاندا بازار
ئون توققۇزىنچى باپ: پەلەك
يىگىرمىنچى باپ: چۈش
يىگىرمە بىرىنچى باپ: شىپالىق
يىگىرمە ئىككىنچى باپ: قۇدۇق
يىگىرمە ئۈچۈنچى باپ: توغراسۇدا
يىگىرمە تۆتىنچى باپ: نەزەر تەككەن زىمىن
يىگىرمە بەشىنچى باپ: ئالا بايتالنىڭ دېڭى
يىگىرمە ئالتىنچى باپ: شوتا
يىگىرمە يەتتىنچى باپ: قۇۋاننىڭ غېمى
يىگىرمە سەككىزىنچى باپ: قاراكۆلدە





كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/
ئوباما بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 08:03:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 08:16:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3637
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4040 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 08:18:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىمىزنىڭ كىتاپلىرى ئادەمگە مەنىۋىي ئوزۇق ئاتا قىلىپلا قالماي مەزمۇنىنىڭ قىزىقلىقى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ جۇمۇ، ئاللاھ ئىگەم نىسىپ قىلسا سېتىۋالارمەن.

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش