noh يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 02:57 PM
چاخچاقنىمۇ بىلمەمسىز؟ بۇ يازمىڭىزغۇ خىلى ياخشى چىقىپ ...
كەچۈرۇڭ! چاقچىقىڭىز چاقچاق دەرىجىسىدىن بەكلا ھالقىپ كىتىپتۇ!
سىزگە نىسبەتەن بۇ يازمام ياخشى چىقىپتۇ ھەجەپ باشقىللىرى يارىماپتا؟بۇنىمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟دىمەك يازما سىزنىڭ ئىدىيىرىڭىزگە ماس كەلسە،سىز قۇبۇل قىلسىڭىز ياخشى يازما،سىز قۇبۇل قىلمىسىڭىز ناچار يازما توغرىمۇ؟
ماڭا ئىدىيە جەھەتتە دىكتاتورا يۈرگۈزمەڭ! ھەر كاللىدا ھەر خىيال!مىنىڭ يازمىللىرىم دەل مىنىڭ ئىدىيىرىم مىنىڭ تەپەككۇرۇم ۋە مىنىڭ يۈرۇكۇم!ئۇ قانداقتۇر سىز ياخشى دىسىڭىز ياخشى بولىدىغان يامان دىسىڭىز يامان بولىدىغان نەرسە ئەمەس!بىزدىكى ئىدىيە مۇستەبىتلىكى،قاراش قاشاڭلىقى ،شۇنداقلا بۇرمىلانغان دىن دىكتاتورىسى پۇت قوللىرىمىزنى بوغۇپ قويماقتا!
يىقىلغان جايدىن تۇرۇش كىرەك. بىزنى بۇرمىلانغان دىننىي ئەھكاملار يىقىتتى!ئەمدى ھەق دىن،ئىلمى قاراش،توغرا ئىسلام يولى بىلەن ئۇيغۇنىمىز!بۇ قاراشنى مەن سىز (ياراتمىغان)يازمىللىرىمدا تەپسىلى يازغان!
يازمىنى چۈشۈنىشلىك قىلىپ يىزىڭ دىگەن قارىشىڭىزغا ئارتۇق بىرنىمە دىگىم يوق!پەقەت بۇ يازمىنى چۈشەنمىگەن ئادەم بۇ يازمىدىكى ئىدىيەنى چۈشەنمەيدۇ ۋە توغرا تەھلىل قىلالمايدۇ (يەنە مىنى جوڭخۇانى سۆيىسەن)دەپ پەتىۋا تىپىپ يۈرىيدۇ شۇڭا ئاشۇنداق ئىستىلىستىكىلق ۋە لوگىكىلق تەسۋىرلەر بىلەن يازىمەن دەپ جاۋابلىنىمەن!