yurkimzida يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 09:43 PM
18يېشىم خەككە يامان بولاش بىلەن ئۈتەپتىكەن!!!!!ئېچىنسامم ...
مەن بىلەن ئوخشاش ياشتەك قىلىسىز ، دوستۇم بىز باشقىلارنىڭ ياخشىتى ، يامانتى دىيىشى بىلەن كۆكلەپ ياكى چۆكۈپ كەتمەيمىز ، باشقىلارغا ياخشى بولىمەن دەپ ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىۋالغۇچە ، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ياخشى بولسىڭىز بولىدىغۇ ، بۇ دۇنيادا ھېچ كىم ھېچكىمگە مەڭگۈلۈك ياخشى بولالمايدۇ ،
بەلكىم بەزىدە كىملەرنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىڭىزنى ئېتىپ يىغلىغۇڭىز ، دىلىڭىز قاتتىق يېرىم بولغان چاغلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قەلىب تىۋىشلىرىگە قۇلاق سېلىشىنى ، ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ پىغانلىرىنى سۆزلەپ بەرگۈڭىز كىلىدىغاندۇ ، ۋە ياكى بۇ دۇنيادا ئۆزىڭىزگە ھەقىقىي كۆيىنىدىغان بىرەر ياخشى دوستىڭىزنىڭ يوقلىقىدىن قاتتىق قايغۇردىغانسىز ، دوستۇم شۇنداق كاتتا بىر جاي باركى سىزگە ھەممىنى بىرەلەيدىغان ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ ھوزۇرى ، قېنى دوستۇم جەينىمازنى سېلىڭ ، سەجدىگە باش قويۇڭ ، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىڭ ، ئاللاھ سىزنىڭ قەلىب تىۋىشلىرىڭىزگە ھەقىقىي قۇلاق سالىدۇ ، ئۇ سىزنىڭ قەلىب سادالىرىڭىزنى تەپسىلىي ئاڭلايدۇ ، سىزگە ئەڭ ئېسىل دوست بولالايدۇ ، سىز ئۇنىڭدىنمۇ ئېسىل دوستنى تاپالامسىز ؟؟؟ دوستىڭىزنىڭ ھوزۇرىغا ئۆزىڭىزنى ئېتىڭ سىزگە بۇدۇنيادا ئىنساندىن تاپالمىغان شۇ كاتتا نىمەتلەرنى بىرىدۇ ، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىپ ئارزۇلىرىڭىزنى ئېيتىڭ دىگىنىڭىزنى سىزگە يۇلۇقتۇردۇ ، ئۇنىڭ باغرىدا قەلىب تىۋىشلىرىڭىزنى تۆكۈڭ ، سىزگە ئالامچە خوشاللىقنى ئاتا قىلىدۇ ... قېنى ئەمدە سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىڭىزنىڭ كىملىكىنى بىلگەندەك قىلدىڭىزغۇ دەيمەن ، ئەمدە قولىدىن سىزگە ئازاپتىن باشقىنى بىرەلمەيدىغان ئاشۇ كىشلەر ئۈچۈن قايغۇرامسىز ؟؟؟؟