«كانچى»دىگەن نامھەققىدە
دوناي
ئاساسىمەزمۇنى:باي ناھىيەسى تارىخى ئۇزۇن،قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختىن بۇيان نۇغۇن ئۇرۇش يېغىلىقلارنى بېشىدىنئۆتكۈزگەن.شۇڭا بايدىكى يۇرت-ئايماقلارنىڭ ناملىرى خىلمۇ-خىل تارىخىي ۋەقەلىكلەرگەباغلىنىدۇ.بۇ ماقالىدا «كانچى» دىگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرىنىش، «كانچى» سۆزىنىڭ مەنىسى،«كانچى»نىڭ تارىخىي ۋە جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىنى مۇلاھىزە قىلىپ،تۇپرىقى مۇنبەت دېھقانچىلىقنىئاساس قىلىدىغان بۇ جايغا قانداق قىلىپ كانقازغۇچىلارنىڭ نامى بولغان «كانچى»دىگەن ئىسىمنىڭ قويۇلۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمنىئوتتۇرغا قويۇمەن .شۇنداقلا«كانچى»دىكى يۇرت-مەھەللىلەرنىڭ ناملىرىنى قوشۇمچەقىلىدىم. ①
※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※
«كانچى»دىگەن نامنىڭپەيدا بولۇشى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن بۇ يېزىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالنىتونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
«كانچى»-شىنجاڭباي ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى بولۇپ،يېزىلىق ھۆكۈمەت جايلاشقان كەنىتنىڭنامىمۇ «كانچى كەنتى »دىيىلىدۇ.«كانچى»يېزىلىق ھۆكۈمەت ناھىيە بازىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ،ناھىيەبازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2800مېتىر كېلىدۇ. «كانچى» يېزىسى -شىمالدا بايناھىيىسىگە قاراشلىق بۇلۇڭ ۋە ياتۇر يېزىسى بىلەن خوشنا،جەنۇپتا مۇزات دەرياسىئارقىلىق ئومباش يېزىسى بىلەن چېگىرلىنىدۇ،شەرق تەرىپى توقسۇن يېزىسىغا،غەرىپتەرىپى باي بازىرى ۋە مىچىغ يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. ھازىر يېزىدا جەمئى 3038ئائىلە،14251نوپۇس بار(2009-يىلىدىكى سان)،يېزىنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى636.15كىۋادرات كېلومېتىر .
«كانچى»يېزىسى- بايئۇيمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى1200-1360مېتىر كېلىدۇ،يەر شەكلى بىرقەدەر تەكشى بولۇپ، مۇنبەت قۇمساڭغۇ تۇپراقئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. باي ناھىيىدىكى 5 چوڭ دەريادىن قاپسىلاڭ، تەلۋىچۈك ، مۇزاتدەريالىرى بۇ يېزىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا بۇ يېزىنىڭ سۇ بايلىقى ئىنتايىنمول.
«كانچى»-ئۇيغۇرچە سۆزبولۇپ،كان قازغۇچى،كان كولاش بىلەن شۇغۇللانغۇچى دىگەن مەنىدە،شۇ كەسىپ بىلەنشۇغۇللىنىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدىغان ئىسىم.
بۇ جاي نىمىشقا«كانچى»دەپ ئاتىلىپ قالغان؟
بايناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا ناھاياتى مول ياۋايى ھايۋانات ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكبايلىقلىرى بولغاندىن سىرىت، يەر ئاستىدا كۆمۈر،تۆمۈر،مىس قاتارلىق مول كان بايلىقى ساقلانغان بولۇپ،ناھايىتىئۇزاق زامانلار ئىلگىرى مۇشۇ يەردە ياشىغۇچى خەلق بۇ جاينىڭ كۆمۈرنى قېزىپ تۇرمۇشىغايېقىلغۇ قىلغان بولسا تۆمۈرچى،تۆمۈر-چۆيۈنئەسۋاپلىرىنى قۇيغۇچى ۋە باشقا ھۈنەرۋەن - كاسىپلار ھەر خىل كان مەھسۇلاتلىرىنىئۆز ئىگىلىكىگە خام ئىشيا قىلغان. شۇنىڭبىلەن بۇ يۇرتتا كانچىلىق بىر مەھەل تەرەققى قىلىپ گۈللىنىپ،بۇ يۇرتمۇ كانچىلاريۇرتى دىيىلىپ،خۇددى مۇز داۋان يولىنى ياسىغۇچىلار داۋانچى دەپ ئاتالغاندەك،« كانچى» سۆزى يۇرتنىڭئىسىمىغا ئايلىنىپ، بارا-بارا مەھەللە زورىيىپ كەنىت بەرپا بولۇپ «كانچى» كەنتىدىيىلگەن.
بۇيەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەنكى، ئەينى ۋاقىتتا مېتال تۇرمۇش بۇيۇملىرىناھايىتى قىممەت بولۇپ، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شۇ يۇرتتىكى بايلارقاتارىدىن ئورۇن ئېلىپلا قالماستىن يەنە ئابرويلۇق كىشىلەر سانىلاتتى.بۇنداقئىشلەپچىقىرىش ۋاسىلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالالمىغان بىچارەدېھقان-چارۋىچىلار بايلاردىن ئىجارە ئېلىپئىشلىتەتتى،ئىجارە ھەققىنى تۆلىيەلمىسە ئۇلارغا يىللىقچى بولاتتى.
بۇكەنىت-ھازىرقى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق«كانچى»كەنتىنىڭ ئۆزى شۇ بولۇپ، يېزىمۇ شۇكەنىتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ «كانچى يېزىسى»دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
1946-يىلىدىن ئىلگىرى «كانچى»يېزىسى كۈيۋاغۋە قۇرۇيلۇق دەپ ئىككى باۋ ②غا ئايرىلغان بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتا بۇ يېزا رەستەرايونى(1-رايون)غا تەۋە ئىدى؛1946-يىلىغا كەلگەندە تېنچلىق يېزىسىنىڭ باشقۇرۇشىغاتەۋە بولغان؛جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ ئىككى باۋئىككى يېزىغا ئۆزگەرتىلگەن؛1952-يىلى ياتۇر رايونى(2-رايون)نىڭ باشقۇرۇشىدابولغان؛1958-يىلى بۇ ئىككى يېزا ئايرىم-ئايرىم ئىككى باشقۇرۇش رايونى قىلىپ قۇرۇلغان.1961-يىلى 10-ئايدا بۇ ئىككى باشقۇرۇش رايۇنى ياتۇر خەلق گوڭشېسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ«گۈلباغ خەلق گۇڭشېسى»(گۈلباغ خەلق كوممۇناسى) قۇرۇلغان.1978-يىلى يەر ناملىرىنىتەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدا شايار ناھىيىسىنىڭ گۈلباغ گوڭشېسى بىلەن ئىسىمداشبولۇپ قالغانلىقى،ئۇنىڭ ئۈستىگە شاياردىكى گۈلباغدىن كېيىن قويۇلغان ئىسىمبولغانلىقى سەۋەبىدىن،ئاپتونۇم رايوننىڭ «بىر رايوندا ئىككى گوڭشېنىڭ ئىسمى ئوخشاشبولۇپ قالسا بولمايدۇ»دىگەن يوليۇرۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن،«گۈلباغ خەلق گوڭشېسى»-«كانچى خەلق گۇڭشېسى»غا ئۆزگەرتىلگەن،1984-يىلى10-ئايدا ھۆكۈمەت بىلەن كوپراتىپئايرىلغاندا،نامى «كانچى يېزىسى»غا ئۆزگەرتىلىپ، 24يىلدىن بۇيان شۇ نام بىلەنئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
«كانچى»يېزىسى تەۋەلىكىدىكى نۇرغۇنئايماق مەھەللىلەر ئۇزۇن يىللار مابەينىدە تۈرلۈك قىسمەتلەرنى بېشىدى نئۆتكۈزۈپ،بەزىلىرى تەدرىجى زورايدى؛بەزىلىرى كىچىكلەپ يوقىلىپ نامى ئۆچۈپ كېتىشھالىتىدە تۇرماقتا، بۇ مەھەللىلەر تۆۋەندىكىچە:قۇرما(كەنتنامى)،دۆڭكۈزلەك(تەببئى شەكىللەنگەن مەھەللە نامى)، ئارال(كەنتنامى)،چىغانباغ(تەببئى شەكىللەنگەن مەھەللە نامى) ،يېڭىيايلاق(يايلاق نامى)،كۈيباغ(كەنت نامى)، شورلۇقمەھەللە(تەببئى شەكىللەنگەن مەھەللە نامى)، چۈجە(كەنتنامى)، ئوسقۇي(كەنتنامى)، سۈلگۈن(كەنتنامى)، سەبدۈن(كەنتنامى)، كانچى(كەنتنامى)،پاقامەھەللە(تەببئى شەكىللەنگەن مەھەللە نامى)،گال(كەنتنامى)، ئولپاڭ(كەنت نامى)، غۇلاچمەھەللە(تەببئى شەكىللەنگەن مەھەللە نامى)،قۇرۇيلۇق(كەنتنامى)، قوشقاتېمى(قوشقارتېمى،تەببئى شەكىللەنگەن مەھەللە نامى)،دۆڭئېرىق(تەببئى شەكىللەنگەن مەھەللە نامى)،ئوي(كارىز دىگەن مەنىدە،تەببئى شەكىللەنگەن مەھەللە نامى)، بېلىقچى(كەنتنامى)،چوغتال(چارۋىچىلىق رايونى)،كېپەكجاي(قوتان نامى)،سېرىقتاشقوتان(قوتان نامى) ،كانچىيايلاق(يايلاق نامى)،ئاقتاشيايلاق(يايلاق نامى)،تېرەكقوتان(قوتاننامى)،چىغلىق قوتان(قوتان نامى)، چوققا بۇلاق (قوتان نامى).
ئازاتلىقتىن كېيىن كانچىلىقلاربارا-بارا كانچىلىق كەسپىدىن كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا يۈزلىنىپ ،پەن-تېخنىكا،مائارىپقا تايىنىپ ئىگىلىكنىراۋاجلاندۇردى.بۇ يەردىن نۇرغۇن ئىقتىساس ئىگىلىرى، مۇتەخەسىس ئالىملار يېتىشىپ چىقتى.(مەسىلەن:ئااتقلىق تارىخچى ئالىم،دوكتۇر توختى مۇزات ئەپەندى،مەرھۇم ئىنقىلاپچى ،ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى ئەزاسى ،ل مۇتەللىپنىڭ سەبدىشى ئابدۇللا داۋۇتوفقاتارلىقلار مۇشۇ يېزىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلەر).بۇ يېزا 1958-يىلى ھەرمۇ يەردىن ئېلىنىدىغان قىچا مەھسۇلاتىنى 350كىلوگىرامدىن،ياغ چىقىشنىسبىتىنى%33دىن %35گىچە يەتكۈزۈپ، «سېرىققىچا ماكانى»دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.
ھازىر «كانچى» ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇچقاندەكئالغا بېسىپ، پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت،مائارىپ ، ئىقتىساد ۋە تۈرلۈك ئىشلار تېزتەرەققى قىلماقتا.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھاتلار:
①«مۇزاتدولقۇنلىرى»نىڭ2011-يىللىق 2-سانى
②ئازاتلىقتىنئىلگىرىكى تۈتۈنلۈك تۈزۈمى بولۇپ،ھازىرقى ئون تۈتۈن(ئائىلە) بىر بىرلىك قىلىنغان تۈزۈمگەئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئاساسى قاتلام تەشكىلاتىنى كۆرسىتىدۇ.
پايدىلنىلغانماتىرياللار:
1.بايناھيىلىك پارتىكوم تەزكىرە كومىتېتى ئىشخانىسى تۈزۈپ،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىتەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 《باي ناھىيە تەزكىرىسى》(拜城县志).
2.1990-يىلى 10-ئايدا ش ئۇ ئا ر گيولوگىيىلىك قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى باسما زاۋۇتىدا بېسىلغان خەنزۇچە «باي ناھىيىسىنىڭ يەرناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»拜城县地名图志.
3.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن 2011-يىلى 3-ئايدا خەنزۇچە نەشىر قىلغان «بايلىقلارقوللانمى»
拜城人手册.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-26 07:39 PM