2004- يىلى بېرىپ بىر ھەيران قېلىۋىدىم ئۇ كوچىغا... نىمىسىگە دەمسىز ئاۋۇ ئالدامچىلىقلارنىڭ قانۇنلىشىپ كەتكىنىگە، كىشىلەرنىڭمۇ ھاياجىنىنى باسالماي نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشىغا، ئۇ يەردىكى نەرسىلەرنىڭ ساختىلىقىغا............ ئەيھانناس..... دۇنيادىكى بارلىق ساختا نەرسىلەرنىڭ ئۇۋىسى نەق شۇ يەر، ئەمما باھاسى يۇقىرىراق
ئادەتتە شېجىننىڭ بازارلىرىدا 200يۈەنلىك ساختا نەرسىلەر ئۇ يەردە گەپ يوق 1000يۈەندىن ئۈستۈن سېتىلىدۇ. بىراق كىشىلەرنىڭ كۆزى كور بولۇپ قالامدىكىن بەك ئەپ قويىدۇ ھەي.......
ئاۋۇ سىزنى باشلاپ چىققان ساياھەت يېتەكچىلىرىمۇ شېرىنكانىنى ئالامەت ئېپ قويىدۇ.
مەن بارغان چېغىمدا نەچچە يىللار ئالدىدا ھەممە يەرگە تارقىلىپ بەك ئەرزان باھادا مودا بوپ كەتكەن ھېلىقىدەك تېلكامىرالار شۇ يەردە باركەندۇق. نەچچە پۇل دەپ سورىسام 1800دېمەسما، قارىسام قاپاقتەكلا بىر خىل تۇيۇلدى. ئەمما سۈرەتكە ئالالايدىكەن بولمىسا... شۇ يىللاردا بۇنداق كامىرالارنىڭ ھەقىقى نۇسخىلىرىنىڭ ئادەتتىكىلىرىمۇ 4000 ئەتراپىدا ئىدى. ئۇ يەردىكى قىزىقتۇرۇشلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈمگە سىغماي(چۈنكى مەن بۇلارنى ئوبدان چۈشىنىمەن)باھا تالىشىپ باققۇم كېلىپ باھا تالاشسام باشتا 50يۈەندى چۈشۈردى. ئانچە- مۇنچە گەپدانلىق قىلىپراق قويۇۋىدىم، 200يۈەندىن چۈشۈرۈپ كېلىپ ئاخىرىدا 400يۈنگە كەلدى. شۇنداقتىمۇ ھۆ قىلغۇم كېلىپ ئالمىدىم... شۇ ھۆ بوپ كېتىپتىكەنمەن قايتىپ كەتكەنىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن تىزلا بۇ يەرنىمۇ ئۇنتۇپ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتىكەن بۈگۈن ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ 8يىل ئاۋالقى بۇ ئىشلارنى ئەسلەپ قالدىم.