ھا...ھا...ھا...
نېمانچىۋالا ئوماق بالىلار ئۇ؟
مېنىڭ سىڭلىم كېچىكىدە ياڭاقنى غوڭڭاي، چاينى غو دەيتتى، جىيەنىم قۇرت-قوڭغۇزنى نۆ، قىزچاقنى ڭايىز دەيتتى.
سىڭلىم بىر قېتىم يېزىدىكى بىر تاغامنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى چىقساق، تاغامنىڭ سىڭلىم بىلەن تەڭ دېمەتلىك قىزى كۆل بويىدا ئويناپتىكەن، تاغام «ۋاي ما بالىنى، كۆل بويىغا بېرىۋاپتۇ» دەپ بېرىپ بولغۇچە سىڭلىم قولىغا بىر تال تاياقنى ئېلىپ، ئۇ بالىنىڭ قېشىغا بېرىپ:
-ھەي تۇمتەك (شۇمتەك) كۆل بوياڭدا (بويىدا) پوك باما تۇمتەك؟ كۆليە (كۆلگە) چۈپپەتسەڭ (چۈشۈپ كەتسەڭ) يىم بويىسەن تومتەك؟- دەپ تاياق بىلەن پاچىقىغا ئۇرغىلى تۇرغانتى، ئاشۇ تۇرقى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا، ھازىرغۇ بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ بالىسىنى بېقىپ يۈرىدۇ ئۇ سىڭلىم