چۈشەندۈرىلىشى:ھازىرقى قارىھاجىمنىڭ بىناسىنىڭ ئورنىدىكى كونا دەڭ
رەسىم:
چۈشەندۈرىلىشى:دولان دەرۋازىسى جايلاشقان ئورۇن
رەسىم:
چۈشەندۈرىلىشى:شەھەر سېپىلىدىن بىر كۆرۈنۈش
رەسىم:
چۈشەندۈرىلىشى:تەشلەپكە تاقىچى مەھەللىسى بولسا كېرەك
رەسىم:
چۈشەندۈرىلىشى:سېپىل دەرۋازىسى
رەسىم:
مەن بىلىشىمچە دەپ باقاي، غۇلجا شەھىرىدە تۆت دەرۋازا بار بولۇپ، ئۇلار: دەڭ دەرۋازا، سۇ دەرۋازا، دولان دەرۋازا، كۈرە دەرۋازىلاردىن ئىبارەت. دەڭ دەرۋازا ھازىرقى ھوزۇر تېز تاماقخانىسى جايلاشقان تۆت كوچىدا بولۇپ، بۇ يەردە ئاساسەن دەڭلەر ( كارۋان ساراي ) جايلاشقان بولغاچقا، دەڭ دەۋازا دەپ ئاتالغان ئىكەن. ھوزۇر تېز تاماقخانىسى جايلاشقان قارىھاجىمنىڭ بىناسىمۇ ئەسلىدە دەڭ ئىكەن.
سۇ دەرۋازا ھازىرمۇ سۇ دەرۋازا دەپ ئاتىلىدۇ.
كۈرە دەرۋازىسى شەھەرنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىرقى بېدە بازىرى يەنى ياشلار بازىنىڭ ئالدى دەرۋازىسىدىكى ئۈچ كوچا ئېغىزىغا توغرا كېلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا كۈرەگە بارىدىغان كارۋان مۇشۇ دەرۋازىدىن چىقىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان ئىكەن.
دولان دەرۋازىسى ھازىرقى ئوبلاستلىق ھوكۈمەت جايلاشقان دوقمۇشتا بولۇپ، بۇ يەردە يەنى توڭلوۋەننىڭ ئورنىدا ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى كۆپ دولانا دەرەخلىرى بولغان ئىكەن.