orkixi يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 04:49 PM
ھىندىستاندا باي-نامراتلىق پەرقى چوڭ شۇڭا بايلىرى بىزن ...
ئۇ يەردە ھەقىقىي دىمكۇراتىيە بار . خەلقنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى ۋە دىنىي-ئىتقادىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ . ھىندىستاندا قانۇن - سىياسە تلەر خەلقنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى ۋە دىنىي-ئىتقادىنى توسالمايدۇ .
ھىندىستاندا كۆپ خىل دىن مەۋجۇت . كالا بىر دىننىڭ ، مايمۇن بىر دىننىڭ ، ئات ، تۆگە ........ قاتارلىقلار ھەرخىل دىندىكىلەرنىڭ مەبۇدى بولغاچقا ، ھۈكۈمەتمۇ ئۇ ھايۋانلارنىڭ يولدا مېڭىشىغا تۇسالغۇ بولمايدۇ . ھەتتا ساچقانغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭمۇ مەخسۇس ‹‹ ساچقان ›› ئىبادەتخانىسى بۇلۇپ ، ساچقانغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر كۈندە ئۇ ساچقانلارغا ئېسىل نىمەتلەرنى بېرىپ تىلەك تىلىشىدۇ .
ھىندىستاندا دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ كۆپ ، چۈنكى ھەر خىل دىندىكىلەرنىڭ بايرام كۈنلىرىمۇ ئوخشىمىغاچقا ، قايسى دىندىكىلەرنىڭ بايرىمىغا توغرا كەلسە شۇ كۈنى دەم ئېلىش قۇيۇپ بىرىدۇ .
ھەرگىزمۇ ھۈكۈمىران كۈچلەر ئۈزىنىڭ بايرىمىنى چوڭ بىلىپ ، باشقا مىللەتلەرنىڭ بايرىمىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىش قىلمايدىكەن .
تېخى نۇرغۇن يەرلىرىدە يەرلىك قەبىلىلەر ۋە يەرلىك خاندانلىقلار بۇلۇپ ، ئولار ئۆز ئالدىغا قانۇنى بار .
قانداق ھىندىستاننىڭ دىمكۇراتىيىسى ياخشىمىكەن .