ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ،<<نىجات يولى>> نەملىق كىتاپنى ئوقۇۋىتىپ تۇيۇقسىز بۇ ھەدىس ۋەئايەتلەرنى ئۇچۇرىتىپ قالدىم،ھەم بۇنى دىققەت قىلىشقا تىگشلىك مۇھىم نوقتىلا دەپ قاراپ مۇنبەرگە يوللۇدۇم
ئاللاھ ھەمىمىزنى شۇ رىيادىن ساقلىسۇن ،ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىلسۇن ئامىن!!!!
رىياكالىقنىڭ زىيىنى توغرىسىدا
پەيغەنبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن،<<كىمكى قىلغان ئىشىنى باشقىلار كۆرسۈن دەپ قىلىدىكەن،ئاللاھ ئۇنىڭ بۇزۇق نىيىتىنى قىيامەت خالايىق ئالدىدائاشكارلاپ رەسۋا قىلىدۇ.>>
ئىنسانغا ئەڭ زىيانلىق نەرسەقىلغان ئىش ھەركىتىدەئاللاتەللانىڭ رازىلىقىنى كۆرمەسلىكتۇر،قىلغان ئىشىنىڭ تاشقى كۆرنىشى چىرايلىق،ئىچى ناچار،ئىشى باشقا،نىيىتى باشقا،تىلى باشقا،دىلى باشقا بولۇش ئەڭ يامان ئىللەن بولۇپ،ھەر قانداق مۇسۇلمان بۇنداق يامان ئىللەتتىن يىراق تۇرۇشى لازىم،چۈنكى ئۇنداق ئىللەتكە گىرىپتار بولغان كىشى تىلىدا داىم زىكى تەسبىھ ئېيتىدۇ.قۇرئان ئوقۇيدۇ،كىشلەرگە ئىلىم ئۆگىتىدۇ،ۋەز نەسىھەت قىلىپ كىشلەرنى ياخشى ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ،لىكىن دىلى ئاللاھتىن غاپىل،باشقا نەرسىلە بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،مەنپىەت تەمەسىدە بولۇدۇ.باشقىلار ئۇنى ماختىسا،كىشلەرنىڭ قەلبى ئۇنىڭغا مايىل بولسىلا ئۇنىڭ مەقسىتى ھاسىل بولۇدۇ.
ئاللاھ بەندىللىرىگە رىيادىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ<<ئى مۆمىنلەر!پۇل مىلىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان،ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلۋەتكىنىگە ئوخشاش ،بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلۋەتمەڭلار.ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھىچقانداق ساۋاپقا ئىگە بولالمايدۇ،ئاللاھ كاپىر قەۋىمنى ھىدايەت قىلمايدۇ>>
مەنبە <<نىجاتلىق يولى >>دىگەن كىتاپتىن ئارىيە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tuntaxvixi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-3 12:23 AM