مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەرتۇرا

قاراخانىلار خانلىرىنىڭ (قاراخان) دىگەن ئۇنۋانى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 02:01:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  كۆرگىنىمدە   قارا  دىگەن  سۆزگە  يوغان  ھەيۋەتلىك   بۈيۈك  كۈچلۈك  قۇدرەتلىك   دەپ   تەبىر   بىرىلگەن ....  قارا  دىھقان  دىگەننى  بۈگۈن  كۆرىشىم






ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 09:21:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىزگە ئاشكارا بولغان تارىخى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە «قاراخانىيلار» دېگەن نام ياۋروپا ئالىملىرى تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇپ، فىرانسىيەلىك تۈركشۇناس پىرىستاكنىڭ «قاراخانىيلار» ناملىق ئەسىرى بۇ نامنى ئومۇملاشتۇرغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان» ىدا «خاقانىيە» ئوغلانلىرى دېگەن بىر گەپ ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا خانلىقنىڭ مەركىزى قىسمى بولغان كاشغەر ۋە بالاساغۇن رايۇنلىرى «خاقانىيە ئۆلكىسى» دېيىلگەن. ئەھمەد يۈكنەكىمۇ بۇ خانلىق تەۋەسىدە قوللىنىلغان تىلنى «كاشغەر تىلى» ياكى «خاقانىيە تىلى» دەپ ئاتىغان، مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلغاندا بۇ خانلىق گەرچە ئۆزىگە مەلۇم بىر نامنى دۆلەت نامى قىلىپ بېكىتمىگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ خانلىقنىڭ ئۆز دەۋرىدە «خاقانىيە» دەپ ئاتالغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.
   ئامدى يەنە بۇ خانلىقنىڭ «ئىلىك خانىيلار» خانلىقى دېيىلىدىغان يەنە بىر نامىمۇ بار. بۇ نامنىمۇ بۇ خانلىقنىڭ ئىلىك خانلىققا بۆلۈپ باشقۇرۇلغانلىقىغا ئاساسەن ياۋروپا ئالىملىرى قويغان.
      بۇ خانلىق خانلىرى «قاراخان»،«بۇغراخان»، «ئارسلانغان»، «توغانخان» قاتارلىق نامالارنى قڭوللانغان بولۇپ، بۇ نام پادشاھ، سۇلتان، خاقان دېگەن ناملار بىلەن تەڭداش ئىدى.
         «قاراخانىيلار» دېگەن نام ھەرگىزمۇ ئلۆز ۋاقتىدا بۇ خانلىقنىڭ دۆلەت نامى بولغان ئەمەس، بەلكى يېقىنقى زاماندا ياۋروپا ئالىملىرى تەرىپىدىن قويۇلغان نامدۇر.
   

ھەقىقەتكە ئەمەل قىلىش ئۇنى ئىسپاتلاشتىنمۇ مۇھىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 10:28:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىللىگىنىڭىزگە رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75167
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 11:53:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقۇرقى تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان «قارا »سۆزى  تۆۋەندىكى مەنىلەرگە ئىگە.

  1: ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى: «قارا » سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «چوڭ،غايەت،ئۇلۇغ،قۇدرەتلىك،تەڭداشسىز،بۈيۈك» مەنىلىرىنى بەرگەن.ئەڭ بۇرۇن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2-قاغاننى مۆيۈنچۇر (بايانچۇر) قاغان قارا قاغان دەپ ئاتالغان.ئەمدى قاراخانىلار ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ نامى نىمە ئۈچۈن قاراخانىلار خانلىقى دەپ ئاتالدى ياكى كۆلبىلگە قاغان،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانلار نامىنىڭ كەينىگە قاراقاغان ئاتالغۇسى قوشۇلۇپ قالدى ؟ دېگەن مەسىلىگە «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»ناملىق كىتاپىدا ئەنۋەر بايتۇر مۇنداق يازغان .«ئورخۇن خانلىقىنىڭ 2-ئەۋلاد قاغانى مويۇنچۇر (قاراقاغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى ناھايىتى  قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيا قىتئەسىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرغان.ئۇنىڭ ئوغلى بۈگۈ قاغان بالاساغۇن شەھرىنى بىنا قىلدۇرغان.ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن بالاساغۇننى مەركەز قىلىپ ھاكىميەت قۇرغان كۆل بىلگە قادىرخان ئۇلۇغ ئەجدادلىرىنىڭ كاتتا يولباشچىسى مويۇنچۇر-قارا قاغاننى ئەسلەش،خاتىرلەش ئۈچۈن خانلىقنىڭ نامىنى »قاراخانىلار  خانلىقى» دەپ ئاتىغانلىقىنى چۈشىنىپ ئالغىلى بولىدۇ.»
«قارا» سۆزى يەنە «قارا بوران»«قارا كۆل»«قاراتاغ»«قارا ئېقىن»«قارا باغ»«قارا دېڭىز» دېگەن  بىرىكمە سۆز شەكلىدىمۇ كېلىدۇ.
2: :قارا» سۆزى قەدىمكى تىلىمىزدا يۇقۇرقى مەنىدىن باشقا يەنە «شىمال تەرەپ»دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرگەن.مەسىلەن مىلادىدىن ئاۋالقى 199-يىلى قىشتا غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھسى لىيۇباڭ(خەنگاۋزۇ) نى بەيدىڭ تېىغىدا ھونلارنىڭ 2-ئەۋلاد پادىشاھى باتۇر تەڭرىقۇت 400مىڭ خىللانغان  ھون لەشكىرى بىلەن قورشاپ قاتتىق ۋەھمىگە سالغاندا ھونلارنىڭ ئاق بوز ئاتلىق لەشكەرلىرى غەرىپ تەرەپتە،چىلانتورۇق(قىزىل) ئاتلىق قوشۇنلىرى جەنۇپ تەرەپتە،كۆك ئاتلىق قوشۇنلىرى شەرق تەرەپتە ،قارا ئاتلىق قوشۇننى شىمال تەرەپتە چەپراس سەپ تۈزگەن بولۇپ ئاق،قىزىل،كۆك،قارا قاتارلىق رەڭلەرنىڭ ھەر بىرى ھەر بىر تەرەپكە ۋەكىللىك قىلغان.قارا «شىمال تەرەپ» ئۇقۇمىنى  بىلدۈرگەن.
  3: قارا سۆزى تىلىمىزدا قەدىمكى زاماندا رەڭ مەنىسىنى  بىلدۈرگەن.يۇقۇرقى تەرەپلەرنىڭ بىلدۈرگەن ئاق،قىزىل ،كۆڭ،قارا سۆزلىرى ئالدى بىلەن رەڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.كېيىنكى زامانلاردا  ئۇ سۆزلەرنىڭ  تەرەپ ئۇقۇمىنى بىلدۈردىغانلىقى يوقىلىپ رەڭ مەنىسى ساقلىنىپ  قالغان.ھازىرمۇ شۇنداق.
4: قارا سۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر  تىلىدا باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ«ئوقۇيالمىغان »«ساۋاتسىز» «ئېغىر ئەمگەك قىلىدىغان،-جىسماننى ئەمگەك قىلىدىغان»«جىسماننى ئەمگەك»«جىسماننى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەر توپى »دېگەندەك مەنىلەر نى بىلدۇردىغان رولىمۇ بار.مەسىلەن :قارا تۈرۈك ئادەم (ئوقىيالمىغان،ساۋاتسىز ئادەم)  قارا ئىشچى ياكى قارا دېھخان (ئېغىر ئەمگەك-جىسماننى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى) قارا ئىش (جىسمانى ئەگەك) قاتارلىقلار.
5: قارا سۆزىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا يۇقۇرقىلاردىن باشقا  يامان،ئەسكى،رەزىل،ئەشەددى،ياۋۇز دېگەن مىنىلىرىمۇ بار.مەسىلەن : قارا نىيەت،قارا قورساق،كۆڭلى قارا،نىيىتى قارا.....       شۇنداقلا قارا تىزىملىك،قارا قول  پارتىيىسى دېگەندەك.

       ئومۇمەن قارا دېگەن سۆز كۆپ خىل مەنىدىكى سۆز بولۇپ بىلدۈرىدىغان مەنىلىرى يۇقۇرقىلار بىلەن چەكلەنمەسلىكى  مۇمكىن.گەرچە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى كۆپخىل بولسىمۇ جۇملىدە تۇتقان ئورنى ۋە قاراتمىلىقى-نىمە مەنىدە ئىشلىتىلۋاتقانلىقىقا قاراپ قايسى مەنىدە كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەرلىك،خوشال روھى ھالەت-ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90979
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 139
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-2-1
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 07:03:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ ئۇخشاشتەك قىلسىمۇ  ،مەنىسى ئۇخشىمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9612
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 09:41:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بو تىما ئارقىلق  بەزى بىلملەرگە ئىگە بولدوم. تىما يوللىغىچىغا رەخىمەت.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش