Isel inkas Bak Togra dapsez
Tihimu terexep millitimizni dunyaga tonitig gapparjan
1- نەقىلگە : قېرىندىشىم ئۇنداق بولسا ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغا ئېسىل دۇردانىلەرنى ئېسىپ باقمىغان ئۆيىڭىزگە شۇ نەقىلگە ئېلىپ قويغان سۆزىڭىزنى غىتمەكجاننىڭ رەسىمى بىلەن قوشۇپ پۈتۈن تامغا كەلگۈدەك قىلىپ ئېسىپ، باغرىڭىزغا تېڭىپ يېتىۋېلىڭ...
2 - نەقىلگە: نېمىگە تېخىمۇ تېرىشىدۇ قېرىندىشىم، گەپنى ئېنىق قىلىڭ، غىتمەكلىكتە تېخىمۇ تېرىشامدۇ ياكى كەسىپتىمۇ؟ تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە بىزنىڭ مۇتەپەككۇر ئالىملىرىمىز ئەجەب ئۆزىنىڭ ئېسىل دۇردانىگە تولغان ئەسەرلىرىنى خان - پادىشاھلارنىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈپ بېرىپ، ئۇلارغا ئۇسسۇل ئويناپ ئۆزىنىڭ نېمە مەزمۇندا ئەسەر يازغانلىقىنى بايان قىپتىكەنمۇ؟ قارىغاندا تارىخنى بەك ئوقۇپ كېتىپ بىزنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىمىزنى سەنئەتكار قاتارىغا چىقىرىۋەتتىڭىزمۇ نېمە؟
ئەجەبا مىللىتىمىزنى سەھنىگە چىقىپ غىتمەكلىشىپ ئۇسسۇل ئويناپ نەدىكى بىر بۇزۇق چۈپرەندىلەرچە قاش قاپاق ئوينىتىپ تونىتىشتىن باشقا يول يوقمىكەن؟
ئەي سۆيۈملۈك قېرىندىشىم؟ قاچانغىچە يەنە مۇشۇنداق دەپ يۈرەرمىز....