بىر قىزنى كوچىدا سۆرەپ يۈرۈپ ئۇرۇپ تىپىۋاتسا كارى بولمايدىغان ھارامتاماقلار! ئاۋۇ ئىككى «ياشتاچوڭ» گۇناھپۇرۇچنىڭ بالا- چاقىسى يوقمىكىنە
شۇلارنىڭ قىزلىرى ئاخىرى مۇشۇنداق ئىتنىڭ باللىرىغا يەم بولىدۇ!
ئەجەب ئىچىم ئاچچىق بوپ كەتتا!؟ بىر توپ چۈپرەندىلەر، ساختا ئۇيغۇرلار!!!!
كىچىك ۋاقتىمدىكى بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى:
19-20ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى، قەشقەر شەھرىگە ئۆزۈم يالغۇز ئويناپ چىققىلى كىرگەن ئىدىم. خەلق باغچىسىغا كىرىپ، ئۆتكەن- كەچكەنلەرگە قاراپ ئولتۇرسام بىر كەمدە بىر قىز بىلەن بىر ئوغۇل بالا (ئوغۇل ۋېلسىپىت مىنىۋالغان، قىز ئۇنىڭغا ياندىشىپ) كېلىپ مەندىن 15-10قەدەمچە نېرىدا توختاشتى. شۇ ئارىدا يىگىت قىزغا «سۆيە!» دېدى، قىز ئەيمەنمەستىنلا يىگىتنىڭ ئاغزىغا «چوككىدە» سۆيۈپ قويۇۋاتىدۇ! ھەيرانمەن-دە!؟ قارىسام يىگىتنىڭ «يىگىت» دىگۈچىلىكىمۇ يوقلا، يۈز- كۆزلىرى شالتاق، تۇرقى ئەبگا، چاچلىرى سالۋاراپ ھىچبىر ئادەم تەلەتى يوقلا. ئۇنىڭ ئەكسىچە، قىز بولسا مەندەك سەھرا بالىسىنىلا ئەمەس، خېلى- خېلى يىگىتلەرنى مەھلىيا قىلغۇچىلىكى بار لىۋەنلەردىن ئىكەن. ئۆزۈمچە ئىزا تارتىپ، ئولتۇرغان ئورنۇمدىن ئاستا تۇرۇپ سەل يىراققا ماڭدىم. «قۇلاقتىن تۇتۇپ سۆيە ج...!» ئارقامدىن ئاڭلاندى. ئورنۇمدا تاپ توختاپ، باشقا ياققا قارىغان بولۇپ تۇرىۋەردىم. قىز قۇلاقتىن تۇتتىمۇ، ياكى تۇتمىدىمۇ كۆرمىدىم. ئەمما «چاڭ- چۇڭ» قىلغان تەستەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ قارىسام، قىز بىتون يولدا ئاغزى- بۇرنى قان ھالدا يېتىپتۇ. ئەمما يەنە شۇنداق تىزلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ «يىگىت» كە ئېسىلدى، يەنە تەستەك يەپ يىقىلدى، يەنە تۇرۇپ يالۋۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇ ئارىدا ھىلىقى گۇي مۇشۇ يەردە كىيىمىنى سېلىشنى بۇيرىدى. قىز ئۇنىمىدى. ھىلىق لۈكچەك قىزنى ئۇرۇپ- دەسسەپ دېگەندەك بىردەمدە ھالىنى قويمىدى. قارىسام بۇ گۇي مەندىن خېلىلا چوڭ، پۇت- قوللىرى ئەپلىك كېلىدىكەن مۇشلاش دېگەنگە. شۇنداق بولسىمۇ قىزغا قاراپ ئۆزۈمنى تۇتالماي بېرىپ ھىلىقى گۇينى بىر مۇشت سالغىنىمنى بىلىمەن، ۋېلسىپىت بىلەن پۇرلىشىپ گۈللۈككە كىرىپ كەتتى. ئۆمىلەپ چىقىپ مۇشت ئېتىۋىدى، ئۆزۈمگە تەككۈزمەي يەنە بىرنى سالدىم. بىتون يولغا تىكموللاق چۈشكەنچە قايتا ئورنىدىن تۇرالمىدى. ئەمما قىز بىلەن بالاغا قالدىم. «موھەببىتىمنى نىمىشقا ئۇرىسەن ئوغرى، ئاناڭنىڭ ئېلىشى بارمىتى ھېج...، قورسىقىمدىكى بالامنى سەن باقامسەن ئاقچى- كۆكچى...» دەپ بۇرنى- قۇلۇقۇمغىچە تويغۇزغىلى تۇردى. شۇ ئارىدا باغچىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى يوپۇرۇلۇپ كەلگىلى تۇرىۋىدى، چىتتىن- چىتقا ئاتلاپ قېچىپ چىقىپ ئاران قۇتۇلغانمەن. شۇندىن كىيىن ئالتە ئايغىچە قەشقەر تەرەپكە بارالماي يۈرگەنلىرىم بولغان. توۋا...