مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Hislet

سىز كىتاپنى نىمە مەقسەتتە ئوقىيسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17552
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 01:30:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  كىتاب ئوقۇش ساغلاملىققا پايدىلىق


تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ، جىسمانىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق ئىكەن. مېدىتسىنا ئىلمىدە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقى پۈتۈن ئورگانىزمغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىئولوگىيە ئىلمىدە «ئىشلىتىلسە راۋاج تاپىدۇ، بىكار قويسا چېكىنىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراش بار. دېمەك، ئورگانىزم دائىم ئىشلەپ تۇرسا، ساغلام تۇرىدۇ، ئاز ئىشلىتىلسە ياكى داۋاملىق ئىشلىتىلمىسە ساغلاملىقى چېكىنىپ كېتىدۇ. تېببىي ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن كىشىنىڭ نېرۋىسىنىڭ ئوبدان تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، قېرىپ كەتكەندىمۇ، نېرۋىنىڭ ئاجىزلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
 دېمەك، ھاياتلىق ھەرىكەتتە، ئەقلىي قابىلىيەت ھەرىكەتچانلىقتا بولىدۇ. كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئورگانىزمنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇ نېرۋىنى ساغلاملاشتۇرۇش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى رېتسېپ ھېسابلىنىدۇ. كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق، ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىم تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى پسىخىكىلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. نۇرغۇن كېسەل روھىي جەھەتتىن داۋالىنىش ئارقىلىق دورا يېمەيمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، بەزى كېسەللەر روھىي ھالەت ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا پەيدا بولىدۇ ياكى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ، ياخشى كىتابلار بىر خىل مەنىۋى دورا، روھىي ئوزۇق بولۇپ، ئۇ كەيپىياتنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە، دائىم كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، روھىي ھالىتىنى پاكلاشتۇرۇشقا، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. كىتاب ئوقۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقىمۇ پايدىلىق، ياپونىيە نوپۇس ئىلمىي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغانلار پەيلاسوپلار، ئۇنىڭدىن قالسا ئالىملار ۋە سەنئەتكارلار ئىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئىزچىل كىتاب ئوقۇشى، يېزىقچىلىق قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.



قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6853
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 02:35:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاب بىزنىڭ ھاياتىمىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان . بىر ئۆمۈر كىتاب ئوقۇپ باقماي ئۆتۈپ كېتىشتىنمۇ ئارتۇق پاجىئە بولمىسا كېرەك ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 03:21:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىتاپسىز تۇرمۇشنى ياخشى كورمەيمەن. كىتاپنى سويمەيدىغان، كىتاپنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بەخىتلىك بولالمايدۇ.

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3905
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 470 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 05:34:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاكىنىڭ ماقالىسى  ئىسىمگە  كەپ  قالدى  !
كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى دىگەن !

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6440
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 946 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:29:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   دەۋىر بىلەن تەڭ  ئىلگىرلەشنى ھاياتىنىڭ نىشانى قىلغانلار بىر ئۆمۈر  كىتاپتىن ...ئايرىلالمايدۇ...چۈنكى،‹دۇنيا بۈيۈك ئوقۇشخانىدۇر›ئەلۋەتتە...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3374
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11958
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:05:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن    ماددى    ۋە مەنىۋى   جەھەتتىن   ئۆزۈمنى   بېيىتىش  ئۈچۈن ئوقۇيمەن  .
ھازىرقى   جاھاندا   پۇل    تاپالىغان  كىشى   ھەقىقىي  بىلىملىك  ۋە تالانىت
ئىگىسىدۇر  .  

مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىش  ، مەن  توغۇلۇش  بىلەنلا  خۇدانىڭ
ماڭا   يۈكلىگەن   مەسئۇلىيىتىدۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش