komkom2 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 09:49 PM
كىم بۇ نەزىرە دىگەن؟
ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئالىمى، ئىسلام دۇنياسىدا شۆھرەت قازانغان ئالىمىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ قىزى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ بولىدۇ. ئۇ ئىسلام پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملاپ ھازىر ئۆيدە.
ئاچىمىزنىڭ «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» ناملىق كىتاب 2003-يىلى نەشىر قىلىنغان. ئۇندىن باشقا شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 2005-يىللىق 5-سانىدا «ھەشەمەتلىك ئۆيلەردىن ھەسرەتلىك ئويلارغىچە» (ماقالە تېمىسى مۇشۇنداققۇ دەيمەن) ناملىق ماقالىسى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلىدا «ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە » قاتارلىق ماقالىلىرى بېسىلغان. ئۇندىن باشقا ھەممەيلەن سۆيۈپ ئوقۇغان «ياخشىلار باغچىسى» ناملىق كىتاب ۋە «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە قامۇس» قاتارلىقلارنى دادىسى بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن. ئۇندىن باشقا بۇ پەخىرلىك قىزىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىجاد مېۋىلىرى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشمىدى.