ئادەم بەدىنىدە قانچىلىك قان بۇلىدۇ،ئۇنىڭ رولى نىمە
(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13)
بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى قاننىڭ مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقنىڭ تەخمىنەن %8 نى ئىگەللەيدۇ.مەسىلەن: بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگىراملىق ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى قاننىڭ مىقدارى 4 كىلوگىرام بۇلىدۇ.
بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى قان توختىماستىن فۇتۇسېنتىز ئېلىپ بارىدۇ،قېرىغان قان ۋۇجەيرىللىرى ئۆلىدۇ،يېڭى قان ۋۇجەيرىللىرى يەنە ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.يېڭى قان ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئۇرۇن سۆڭەكتىكى يىلىكتە بۇلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر يىلىكنى قان ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتى دەپ ئاتايدۇ.
قاننىڭ ئادەم بەدىنىدە ئاساسەن ئىككى چوڭ مۇھىم رولى بار:
1.يۆتكەش رولى:قان يۇرەكنىڭ تۇرتكىسىدە،چوڭ –كىچىك تۇمۇرلارنى بويلاپ، پۇتۇن بەدەندە توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ.بىز ئوكسىگىننى بەدىنىمىزگە سۇمۇرگەندە،ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى بەدىنىمىزگە قۇبۇل قىلغاندا،ئۇلار قان ئارقىلىق پۇتۇن بەدەنگە يەتكۇزىلىدۇ،پۇتۇن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىشلەپ چىقىرىلغان كاربۇن 4-ئوكسىد ۋە باشقا كېرەكسىز ماددىلار قان ئارقىلىق ئۆپكە ۋە بۆرەككە يەتكۇزۇلۇپ،بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.
2.ئالدىنى ئېلىش رولى:قاندا بىر خىل ئاق قان ۋىجەيرىسى بۇلۇپ،ئۇ ئاق قان شارچىسى دەپ ئاتىلىدۇ.ئاق قان ۋىجەيرىسى ئادەم بەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن باكتىريەلەرنى يەۋىتىپ،قوغدىغۇچىغا ئوخشاش،بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ.قاندا يەنە نۇرغۇنلىغان باكتىريەگە قارشى ماددىلار بۇلۇپ،ئانتىتېلا دەپ ئاتىلىدۇ،ئۇ بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن باكتىريەلەرنى ئۆلتىرەلەيدۇ
مەنبە: خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-8 09:41 AM