ئۆل يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 05:51 PM
ئەقىق چىيى بۇ قانداق چاي ئەمدى ....بەزى چايلارنى قىل ...
بۇ پىكىر ئورۇنلۇق ،ئادەم ئىجتىمائى توپ ئىچىدە ياشايدۇ .شەھەرلىكلەر ياكى يېقىن يىزا كەنىتلەردىكى ئەل-ئاغىنىلەر بولسۇن ،مۇشۇ توي-تۆكۈن ،نەزىر-چىراق ،چايلار مۇناسىۋىتى بىلەن بىر -بىرى بىلەن كۆرىشىۋاتىمىز ،بىر-بىرىمىزنىڭ ھال -ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىۋاتىمىز .ئادەم دېگەن قېرىغانسىرى ئادەم خالايدىغان بولۇپ قالىدىكەن .ئەمدى بەزى چايلارغا كەلسەك ،ھەقىقەتەن باشقا مىللەتلەرنىڭ بىر قىسىم ناچار مەدەنىيىتىنىڭ سېڭىشى بىلەن قېلىپتىن چىقىپ كەتتى .بولۇپمۇ ھاراقتىن ئىبارەت بۇ شەيتان چايلىرىمىزنىڭ مەزمۇنىنى ،تەمىنى بۇزىۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن نىممەت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا يەنە ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپچىلىغىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى .مۇبادا ھاراق شاراپنى چايلىرىمىزدىن قوغلىۋىتەلىسەك ،يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەر خىل چايلارنىڭ ئەھمىيىتى بەك زور بولىدۇ دەپ قارايمەن .ھازىر چوڭ شەھەرلەردە ھاراقسىز توي ،چايلار خېلى سالماقنى ئېگللەپ قالدى ،ئىشىنىمەنكى ،كەلگۈسىدە چوقۇم ئادىمىلىككە تولغان ياخشى بىر چاي مەدەنىيتىمىز بارلىققا كېلىدۇ.............