|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ ، ئەزىز قىرىنداشلار ھەممىڭىزلەرگە ئاللا سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلانىڭ سالىمى يار بولسۇن !!! خوش قىرىنداشلار مەن قارىسام ماڭىمۇ مۇنبەرگە تىما يوللىمىغىلى بىرە ئەسىر بوپ قالغاندەك تۇرىدۇ ، شۇڭا بۈگۈن قەلىمىمنى قولۇمغا ئىلىپ ، ئىلھام كەلمىسىمۇ قىستاپ تۇرۇپ تورداشلارغا ئازراق بولسىمۇ قوشاق يازدىم . سىلەرمۇ ياندىشىپ ھە ھۇ دىيىشىپ بىرەرسىلەر .
مارشال مۇنبىرىمىزنىڭ سەرخىلى، مارشال قارى بارمۇ سىز. ئاۋام خەلق ئارىسىغا، پات-پات كىرىپ تۇرۇڭ سىز.
كەترەن كەترەن يازغان تىمىنى، مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. ھەم شۇنىڭغا ئەگىشىپ، جىجىلاپمۇ قويىمەن.
مۇسلىنە ئۆزى قىرى بولسىمۇ، خوش چاقچاقچى مۇسلىنە. تاشلاپ قويماي مۇنبەرنى، دائىم كىرىپ تۇرغىنە.
زۈلەيخا مۇنبىرىمىزنىڭ گۈزىلى، زۈلەيخا ھەدە نەدە سىز. سىزنى كۆرمەي ھەر دائىم، كۆڭلۈم يىرى بىلەمسىز.
ئاقلالە ئاقلالىمۇ قىرىپتۇ، 30 ياشتىن ئىشىپتۇ. ئەمما بۇنىڭ مىجەزى، كىچىك بالىغا ئوخشاپتۇ.
چوغ چوغ ئاكاممۇ يىقىندا، خىلى تىما يىزىپتۇ. ئەپسۇس بۇنى سۈمەييە، بەك كىچىكىپ كۆرۈپتۇ.
توختاپ قالماي داۋاملىق، يەنە يىزىپ تۇراسىز. بىزلەر سىزگە ھەرقاچان، مەدەت بىرىپ تۇرىمىز.
رىزىۋانگۈل خوش چاقچاقچى رىزىۋانگۈل، دائىم كۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۆزى ئوبدان بولغاچقا، ھەممە پىيىدە يۈرۈيدۇ.
ئاگاھ بولۇڭ رىزىۋانگۈل، ھەرگىز كىرمەڭ توزاققا. مۇنبەردىكى يىگىتلەر، ئەپ قاچمىسۇن يىراققا.
ئاپتاپ ئاپتاپكاممۇ يىقىندا، يوقاپ كەتتى بىلمىدۇق. بۇ كاساپەت ئوبدانتى، ھەممىمىز بەك سىغىندۇق.
نازىلە 998 ئىشچان ھەدەم نازىلە، پۇت قوللىرى بەك چاققان. خىزمەتتىمۇ ئاكىتىپ، شۇڭا كۆزگە كۆرۈنگەن.
كاككۇك كاككۇك قارى مۇنبەردە، قوشاق يىزىش ئۇستىسى. قوشاقلىرى يىقىملىق، بىزگە ئۈلگە بولغۇسى.
ئەپچىلەم ئەپچىلەممۇ بوش كەلمەي، ئىسىل شىئىر يازىدۇ. ھەممە ئۇنى ماختىشىپ، ھەيرانلارچە قارايدۇ.
ئۆزى گەپدان بولغاچقا، ھىچكىمگە گەپ بەرمەيدۇ. شۇڭا ئۇنى مۇنبەردە، گەپچىلەم دەپ ئاتايدۇ.
ئاقسا يىگىت ئاقسا ئاتلىق بۇ يىگىت، ئۇزۇن بولدى ئۆزى يوق. دەپ قويۇڭلار تورداشلار، ئۇنى كۆرسەم كۆڭلۈم توق،
كارۋان كارۋانكاممۇ كىلىشكەن، بىر چىرايلىق بالىكەن. ئەمما ئۇنىڭ مىجەزى، قىزلاردەكلا نازۇككەن.
ئۆل ئۆل ئاتلىق بۇ قىزچاقنىڭ، ئىنكاسلىرى بەك قىززىق. گەر تەگسەڭ سەن چىشىغا، گەپ قىلىدۇ بەك تۇزلۇق.
بايخىنىم ما بايخىنىم يىقىندا، سىتىۋاپتۇ بىر داچا. پات يىقىندا ئۆيۈڭگە، بارىمىز بىز جان ئاچا.
بوغالتىر ئىنكاسلىرى تىتىملىق، بوغالتىرنىڭ ھەر زامان. دانا پىكىرلىرىڭىزنى، قىلىپ تۇرۇڭ سىز بايان.
زەنجىر 34 زەنجىر دىگەن بۇ يىگىت، بەكلا ئوبدان بالىكەن. شۇڭلاشقىمۇ دوسلىرى، ئۇنىڭغا بەك ئامراقكەن.
بارىستىكىن بارىستىكىن دەپ ئاڭلاپ، ھەيران قالدىم ئۆزۈمچە. مۇشۇ ئىسىم ھەققىدە، چۈشەنچ بىرىڭ سىز بىزگە.
سۈمەييەنىڭ ئىلھامى، مۇشۇنچىلىك بوپ تۇرسۇن. باشقىلارمۇ خاپۇمماي، ياندىشىپ يىزىپ قويسۇن.
ئىنكاسلاردا داۋاملىق، مەنمۇ قاراپ تۇرمايمەن. گەر كەپ قالسا ئىلھامىم، شارىلدىتىپ يازىمەن.
ئەزىز دوسلار سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ئاران يازالىدىم ، قوشاقلارنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ئەزالار سەنلىنىپ قىلىندى ، ھەرگىز شەخسى مەقسەت مۇددىئا يوق ، توراداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەنبە : چىرماش ئىلھامىم
2013-يىلى 2-ئاي 8-كۈنى (قەشقەر قاغىلىق)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-26 03:06 PM
|
|
|
|
|
|