مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: salih133

جانغا زامىن ئىس تۈتەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 12:00:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسلامۇئەلەيكۇم  ،  قېرىندىشىم  بەك  ئەھمىيەتلىك  تىما  يوللاپسىز ،سىزگە كۆپ  تەشىككۈر .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83654
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3786
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 06:36:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 10:33 PM
ھىچكىمگە دىمەك دىگەن ئادەم ئۆزى ھەھممە گەپنى دۆلە ...



تاماكا ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى



مىريام فرەنكېل
تاماكا چېكىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى،تاماكا چېكىش سىزنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىڭىزغا زىيانلىق بولۇپلا قالماي،يەنە سىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىڭىزنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىغىمۇ زىيانلىق. 7+P;s,mi7
بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان ئىككى تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە،تاماكا چەككۈچى ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدېنىدا ئىسپىرما ئىشلەشكە ئاساس بولىدىغان ئاقسىلنىڭ توپلىشىشى ناھايىتى شالاڭ بولغان،يەنە بىر تەتقىقات ھامىلدارلىق مەزگىلدە تاماكا چەككەن ئاياللارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى يوق بالىلارنى تۇغۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى دەلىللەپ چىققان. Z<;W*6J
بۇ ئىككى تەتقىقاتنىڭ بىرىدە تەتقىقاتچىلار ھامىلە شەكىللەنگىنىگە 37_68كۈن بولغان ھامىلىدىن 24 ئۇرۇقداننى (ياكى تۇخۇمداننى) ئايرىۋالغان بولۇپ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چەككەن ئاياللارنىڭ ھامىلىسىدىكى تۇخۇم ياكى ئىسپىرما شەكىللەندۈرىدىغان كۆپىيىش ھۆجەيرىلىرىنىڭ 55% ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئادەتتىكى ھۆجەيرە ۋە تەن ھۆجەيرىلىرىنىڭمۇ 37% ئازىيىپ كەتكەنلىكى بايقالغان! %+l95Dv1
دانىيە كوفېنخان ئونۋېرستىتى دۇختۇرخانىسىدىكى كلوس ئاندېرسون مۇنداق دەيدۇ:"بىز تاماك چېكىشنىڭ كۆپىيىش ھۆجەيرىلىرىنىڭ سانىغا بولغان تەسىرىنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا بۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇق."LFax$CZc
بۇ تەتقىقاتچىلار گەرچە بۇخىل كۆپىيىش ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىش-داۋاملاشماسلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىسىمۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چېكىشنىڭ بۇ ھامىلىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەۋلاد قالدۇرۇشىغا ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. TLsF c^X
كوفېنخان ئونۋېرستىتىدىكى يۇقارقى تەتقىقاتقا قاتناشمىغان تىنا كولد جېنسېننىڭ ئېيتىشىچە تاماكا چېكىش بىلەن ئەۋلاد قالدۇرۇش ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش ئىلگىرىكى بىر تەتقىقاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان، بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئۇنى يېتەرلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. z,aMbgt
يەنە بىر تەتقىقات گېرمانىيە سارلاند ئونۋېرستىتىدىكى مۇھەممەد ھەممادە ۋە ئۇنىڭ ئىشداشلىرى تەرپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇلاردەپ P1ۋە P2ئاتىلىدىغان، ھۆجەيرە بۈلۈنگەندە خېرومىسۇم شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى خىل ئاقسىلنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ چىققان. چۇنكى بۇ ئىككى خىل ئاقسىلنىڭ مەزكەزلىشىش دەرىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى ئەرلەرنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. JQQ[jl;
تەتقىقاتتا ئۇلار كۈنلىكى 20دىن كۆپ تاماك چېكىدىغان 53ئەر بىلەن تاماكا چەكمەيدىغان 63 ئەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ،تاماكا چەككۈچى ئەرلەردە P2 نىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 14%تۈۋەن ئىكەنلىكىنى ، P1بىلەن P2 نىڭ نىسبىتىنىڭ بەكلا يۇقىرى بوپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇلار يەنە تاماكا چەككۈچىلەردە ئىسپىرما گە زىيانلىق بولغان ئوكسىدلىنىش بېسىمىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئەرلەر چوقۇم بالدۇرراق تاماكا تاشلىشى كېرەك. #+ch
^.6yzlY
مەنبە: ئېنگىلىسچە «يېڭى ئالىملار»ژورنىلى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.  _bCAZa&&




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش