panama يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 04:07 AM
سىز ئاۋال بىر نەرسىنى قول سىلىپ قىلىپ بىېقىپ ئاندىن ئ ...
سىزگىمۇ ئايرىم ئىنكاس قايتۇرمىدىم، ئىنكاسىم ئۈستىدىكى قېرىندىشىمغا يازغىنىمغا ئوخشاش.
ئاشۇ تۇنجى ئەللىك يۈئەن بانكا كارتىڭىزغا كىرگەندە ماڭ دەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ھە.
ئەلۋەتتە ئاشۇ ئەللىك يۈئەن بانكا كارتىڭىزغا كىرگۈچە قانچىلىك ۋاقتىڭىز شۇنىڭغا كەتكەنلىكىنىمۇ ھېسابلاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
توردىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىشنى ھەم خاتا دېگىنىم يوق، پەقەت بۇ خىلدىكى پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىغا گۇمانىم ئىنتايىن چوڭ، بۇ يولداشلارنىڭ ئەڭ چوڭ خىيالى ئۆزىگە پۇل مال توپلاش ھەرگىز باشقىلارغا نەپ بېرىش ئەمەس، شۇڭا بۇنداق ئىشلارغا ئىنتايىن جىق قىلتاقلار يوشۇرۇنغان، سىناب باقماي نېمىنى بىلگىلى بولىدۇ دەيسىز ھەقاچان، بوپتۇ سىناب بېقىڭ. يەنە بىر گەپ ئالداش گۇناھ بولغاندەك ئالدىنىشمۇ گۇناھ، ئەگەر ۋاقتىمنى ئانچە ئىسراپ قىلمايدىكەن، مانا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 50 كوي چۆنتىكىمگە چۈشتى دېگىنىڭىزدە ماڭىمۇ خەۋەر قىلىۋېتىڭ.
پۇلنى يولداشلارغا تۆلەپ بىر نەرسە سېتىۋېلىش بىلەن، ئىسراپ قىلغان ۋاقتىمىزنىڭ پۇچىقىغىمۇ تەڭ كەلمەيدىغان پۇلغا ئېرىشىش، كۆپىنچە ۋاقتىمىز بولسا ئۇلارغا قىممەت يارىتىشقا كېتىشى بۇ ئىككى گەپ.
شۇنداق مەندەك قاتمال ئىدىيەدىكى ئوقۇغۇچىدا يېڭىلىق يارىتىش بولمايدۇ، سىلەر يېڭىلىقلارنى تېز قوبۇل قىلىپ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىۋېرىڭلار.